بارسېلونا مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنى مەغلۇب قىلدى

شىنجاڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر سائەت 2:00 دە(ئىسپانىيە ۋاقتى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ سائەت 9:00) 2014/2015 مۇسابىقە پەسىلنىڭ 18-ئايلانما مۇسابىقىسى كەمپنو پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 3-1نەتىجە بىلەن مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنى يەڭدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 12 مىنۇت بولغاندا ئالۋېس مېسسىغا پاس بەردى، مېسسى چەكلەنگەن رايوننىڭ ئوڭ تەرىپىدە توپنى ئېلىپ قارشى تەرەپنىڭ ئۈچ نەپەر مۇداپىئەچىسىنىڭ ئارىسىدا قېلىپ،توپنى سۇئارېسقا پاس بەردى، سۇئارېس توپنى ياىشى توختىتالمىدى لېكىن نېيمار ئېتىلىپ كېلىپ ئوچۇق ۋاراتارغا توپ ئۇردى.

35مىنۇت بولغاندا مېسسى قارشى تەرەپنىڭ18-نۇمۇرلۇق ئەزاسىنى ئالداپ ئۆتكەندىن كېيىن چەكلەنگەن رايونغا يېقىن جايدا توپنى سۇئارېسقا پاس بەردى، سۇئارېس توپنى بىۋاستە تېپىپ ۋاراتاغا كىزگۈزدى.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى ، مېسسى قارشى تەرەپنىڭ 18-نۇمۇرنى ئالداپ ئۆتكەندە قولى بىلەن توپنى ئۇرۇۋەتكەنىدى، لېكىن رېپىر پۈشتەك چالمىدى. رېپىرنىڭ بۇ سەۋەنلىكى مادرىد رىقابەت كۇلۇبىدىكىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

57مىنۇت بولغاندا مېسسى چەكلەنگەن رايۇن سىزىقىنىڭ يېنىدا قارشى تەرەپنىڭ ئەزاسىدىن توپ تالىشىۋاتقاندا بەدىنى كىچىككىنە سۈركىلىپ كەتتى ، ئادەتتىكىچىلا بىر ئىشقا رېپىر مادرىد رىقابەت كۇلۇبىغا نۇقتا توپ قويۇپ بەردى.
بارسېلونا قول توپ قىلىپ كىرگۈزىۋالغان توپى ئۈچۈن بەدەل تۆلىدى.

87مىنۇت بولغاندا راكىتىچ ئوڭ تەرەپتىن مېسسىغا پاس بەردى، مېسسى توپنى ياخشى توختىتالمىدى ، لېكىن قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىسى راھۇل گارسىيانىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى توپ يەنە مېسسىنىڭ پۇتىغا چۈشتى. مېسسى بۇ قېتىم پۇرسەتنى قولدىن بەرمىدى.

بارسېلونا مۇسابىقىدە يەڭگەندىن سىرت يەنە بارسېلونانىڭ تۈۋرۈكى بولغان مېسسى يەنە بىر تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئىسپانىيە كەسپىي پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مېسسىنىڭ ئىسپانىيە تارىخىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزغانلىقىنى تەبرىكلەپ لوڭقا تەقدىم قىلدى.
مېسسىغا مۇكاپاتنى ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرغان كىشى دەل كارلوس رېكساچ. مېسسىنى مېسسى قىلغان دەل مۇشۇ ئادەم.2000-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى بارسېلونانىڭ تېخنىكا باش نازارەتچىسى بولغان كارلوسنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى
تېخنىكىسى ئالاھىدە ياخشى ، ئەمما سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ھەمدە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بولغان كىچىك مېسسىنى بايقىدى.
كارلوس بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن مېسسىنى تەشۋىق قىلدى، ھەمدە ئاخىرى بارسېلونا كۇلۇبىنى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ مېسسىنىڭ ئۆسۈش ھورمۇنى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سۆڭەك كېسىلىنى داۋالىتىشقا قايىل قىلدى.
مېسسى دۇنيا بويىچە زور ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن كارلوس رېكساچ مۇنداق دېگەن: ئەينى چاغدا مېسسىنى كۆرگەن چاغدىلا كەلگۈسىدىكى پۇتبول شاھىنى كۆرگەندەك بولغانىدىم.

ئەگەر ئەينى چاغدا كارلوسنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى بولمىغان بولسا پۇتبول ساھەسى ناھايىتى ئۇلۇغ بىر پۇتبولچىدىن قۇرۇق قالغان بولاتتى.
مېسسىنىڭ ئىسپانىيە تارىخدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزغانلىقىنى خاتىرىلەش مۇكاپاتىنى كارلوس رېكساچ ئۆز قولى بىلەن مېسسىغا تەقدىم قىلىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.



13-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-05-2016
    ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     2016-يىلى 10-ماي سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى 8:30 دا، 2016-2015-يىللىق NBA بىرلەشمىسى غەربىي رايون يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئۇچرىشىشى ئوينالدى. بۇ مەيدان...
10-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6 دە، بۇ يىللىق پۇتبول جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدىكى مۇھىم بىر مەيدان مۇسابىقە شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى شىنجاڭ تەنتەربىيە ل...
10-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6 دە، بۇ يىللىق پۇتبول جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدىكى مۇھىم بىر مەيدان مۇسابىقە شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى شىنجاڭ تەنتەربىيە ل...
10-05-2016
    قازاقىستاننىڭ پاۋلاندا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىللىق خەلقئارا ياش ئۆسمۈرلەر بوكس مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاخىرلاشتى. بۇ مۇسابىقىگە جۇڭگوغا ۋاكالىتەن 9 ماھىر قاتناشقان بولۇپ، جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر بوكس كوماندىسىغا تا...
10-05-2016
    ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىسى «كۈندىلىك چولپانلار گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەگەر مورىنىھو ۋانگالنىڭ ئورنىغا مانچېستىر بىرلەشمىسىگە مەشقاۋۇل بولسا، ئۇ ئارسېنالنىڭ گېرمانىيەلىك توپچىسى ئۆزىلنى قوشۇۋىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ يىل 5...
10-05-2016
    «مانچېستىر كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆك ھىلال ئاي قوشۇنىنىڭ يېڭى مەشقاۋۇلى گۇئاردىيولا بايرىن مىيۇنخېن ھۇجۇمچىسى لېۋاندوۋىسكىنى يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا قوشۇۋىلىش نىشانى قىلغان، ئۇ پولشالىق بۇ ھۇجۇمچىنى ئېتىقاد مەي...
10-05-2016
    ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا، 2016-2015-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 38-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشنى ئېلان قىلدى. بۇ پەسىللىك 38-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى 2...
10-05-2016
      خانلىق مادرىد 3-2 نەتىجە بىلەن ۋالېنسىيەنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە رونالدو ئىككى توپ كىرگۈزدى، بۇ رونالدونىڭ بېرنابېئۇدا كىرگۈزگەن 200-توپى ھېسابلىنىدۇ، رونالدو بېرنابېئۇدا 200 توپنى پەقەت 171 مەيدان مۇسابىقىدە كىرگ...
10-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا يۇۋېنتۇس كوماندىسى مىلان كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى، مىلان كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى مونتولىۋۇنى قېتىۋالماقچى بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە مىلان كوماندىسىنىڭ...
10-05-2016
   2016-يىللىق «تەڭرىتاغ يىلپىزى» لوڭقىسىنىڭ ئۈرۈمچى  پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 8-ماي ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 48 ئەل ئىچى پۇتبول كوم...
Powered by Leglek