LG يىقىندا K10 ۋە K7 ناملىق ئىككى خىل يېڭى يانفون ئېلان قىلغان، ھەمدە بۇ يانفونلىرىنى يىقىندا ئېچىلغان CES2016 يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرغان، بىراق، ئەينى ۋاقىتتا بۇ يانفونلارنىڭ باھاسى ۋە بازارغا سېلىنىش ۋاقتىنى ئاشكارىلىمىغان. بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا قارىغاندا، LG K10 يانفونى 14-يانۋار تۇنجى بولۇپ كورىيە بازىرىغا، ئارقىدىن باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا كىرگۈزۈلىدىكەن.
LG K10 يانفونىغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 1280x720 بولغان 5.3 دىيۇملۇق ئېكران، 2300 مىللىئامپىرلىق باتارىيە سەپلەنگەن، ئۈچ خىل نۇسخىسى بار بولۇپ، ئوخشىمىغان نۇسخىلىرىغا چاستوتىسى 1.2GHz ياكى 1.3GHz بولغان تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 1G، 1.5G،2G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن، ئاساس ساقلىغۇچ سىغىمى بولسا 8GB ۋە 16GB دىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدىكەن. كامېراسىغا كەلسەك، ئۈچ خىل نۇسخىسىغا سەككىز مىليون + 13 مىليون، بەش مىليون + 13 مىليون ۋە سەككىز مىليون + سەككىز مىليون قاتارلىق ئۈچ خىل كامېرا گۇرۇپپىسى ئىشلىتىلگەن، يانفون رەڭگى ئاق، قارا كۆك ۋە ئالتۇن رەڭلىك ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدىكەن.
LG K10ۋە LG K7 نىڭ لايىھەسى بىر-بىرىگە ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ، ئارقا قېپى يايسىمان لايىھەلەنگەن، بۇنداق بولغاندا قولدا تۇتقاندا تېخىمۇ راھەت تۇيۇلىدىكەن. LG K10 گە 5.3 دىيۇملۇق ئېكران ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئېكران چوڭلۇقىمۇ ئىنتايىن مۇۋاپىق ئىكەن.
بۇندىن باشقا، LG شىركىتى بۇ يانفونغا ئاتاپ مەخسۇس ئىشلەنگەن يانچۇق قاپچۇقىنى بازارغا سالغان، بۇ قاپچۇق ئىنتايىن كۆركەم لايىھەلەنگەن بولۇپ، سېتىلىش باھاسى ھازىرچە ئېنىق ئەمەسكەن. سۈرەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ خىل قاپچۇقنى ئىشلەتكەندە، قاپچۇقنى ئاچماي تۇرۇپمۇ يان تەرەپتىن يانفون ئېكرانىنى ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، قارىماققا ئىنتايىن زامانىۋى تۈستە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved