جۇڭگو ساياھەتچىلىكىدە تۆت چوڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى

جۇڭگو ساياھەتچىلىكىگە نىسبەتەن 2013 – يىلى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. تۇمانلىق ھاۋا رايى قاتارلىق كۆپلىگەن پايدىسىز ئامىللار ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ‹‹خەلق ساياھەتكە چىقىپ ئارام ئېلىش پىروگراممىسى›› رەسمىي ئېلان قىلىندى، ‹‹ساياھەت قانۇنى››نىڭ يولغا قويۇلۇپ، دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش لايىھەسى تەڭشىلىپ، جۇڭگونىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

 

كەسپىي ساھەدىكى تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2014 – يىلى جۇڭگو ساياھەتچىلىكىدە تۆت چوڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولىدىكەن.

 

1. ئەقىل – ئىدراكلىق ساياھەت رەڭدار تۇرمۇش بەرپا قىلىدۇ

 

2013 – يىلى 6 – نويابىر دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا: ‹‹گۈزەل جۇڭگو سەپىرى ئەقىل – ئىدراكلىق ساياھەت››نىڭ 2014 – يىلى جۇڭگو ساياھەت تەشۋىقاتىدىكى ئاساسى تېما بولىدىغانلىقى جاكارلانغان ھەم ئەقىل – ئىدراكلىق مۇلازىمەت، ئەقىل – ئىدراكلىق باشقۇرۇش ۋە ئەقىل – ئىدراكلىق تىجارەت قاتارلىق ئۈچ تەرەپتىن كۈچەپ، ساياھەت بايلىقى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ھەم بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنىڭ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىگە بۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش تەكىتلەندى.

 

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جياڭسۇ، تيەنجىن، گۇاڭدوڭ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلار ‹‹ئەقىل – ئىدراكلىق ساياھەت يىلى››غا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى باشلىۋەتتى. جايلارنىڭ بىر يىللىق تەرەققىيات پىلانى بىزگە مۇنداق بىر كارتىنىنى سىزىپ بەردى: ئىستېمالچىلار تېخىمۇ كۆپ يېڭى تاراتقۇ، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلالايدۇ؛ تور، يانفون ئارقىلىق مېھمانخانا، ئايروپىلان بېلىتى، ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى زاكاز قىلالايدۇ؛ خاسلىققا ئىگە خۇسۇسىي ساياھەت لىنىيەلىرىنى زاكاز قىلالايدۇ؛ ئەقىل – ئىدراكلىق مەنزىرە رايونى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك، ئىندىۋىدۇئال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، مەۋھۇم سىستېما ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى ساياھەت تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ؛ ساياھەتچىلەر بىلەن ساياھەت رايونى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان كۆپ خىل ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ساياھەت رايونىنىڭ مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە ئوخشىمىغان تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.

  

2. مەدەنىي ساياھەت قىلىش يەنىمۇ تەشەببۇس قىلىنىدۇ

  

2013 – يىلى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ چەت ئەلنى ساياھەت قىلغاندىكى بىر قاتار مەدەنىيەتسىز قىلمىشى شۇ دۆلەت كىشىلىرىنىڭ غەزىپىىنى كەلتۈرۈپ، تاراتقۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. 2013 – يىلى ئىيۇندا دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى ‹‹جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشتىكى مەدەنىي ھەرىكەت قىبلىنەماسى››نى تۈزۈپ،بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى.

  

جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹جۇڭگو ساياھەت ئىگىلىكى توغرىسىدىكى كۆك تاشلىق كىتاب››تا، 2013 – يىلى ئېلىمىزنىڭ ساياھەت ئىگىلىكى تەكشى يۈرۈشكەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلغان ساياھەتچىلەر 3 مىليارد 300 مىليون ئادەم/قېتىمدىن ئاشىدىكەن. دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شاۋ چىۋېينىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2014 – يىلى چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر 100 مىليون ئادەم /قېتىمغا يېتىدىكەن.

  

3.ياشانغاندا كۈتۈنۈش ساياھىتى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىدۇ

 

ياشانغانلار ئائىلىلىرىنىڭ كۆپىيىشى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ياشانغانلار بارغانسېرى سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشنى تاللايدىغان بولدى.

 

 

4. سەھرا ساياھەتچىلىكىنىڭ بازىرى چىقىدۇ

 

2013 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەركەزنىڭ شەھەر – بازارلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا سەھرا ساياھىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق نىشان كۆرسىتىپ بېرىلدى: ‹‹شەھەرلەرنى چوڭ تەبىئەتكە قويۇش، ياپيېشىل تاغ – دەريالارنى شەھەر ئاھالىلىرىگە قالدۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، تەرەققىياتتا ئەسلىمە قالدۇرۇش، يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە گۈزەل شەھەر – بازار بەرپا قىلىشتا تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە بويسۇنۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت بىرلەشكەن كۆز قاراشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھازىر بار بولغان تاغ – دەريا قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىگە تايىنىپ، شەھەرلەرنى چوڭ تەبىئەتكە قوشۇپ، ئاھالىلەرنى تاغلارنى، سۈزۈك سۇلارنى كۆرەلەيدىغان، سەھرانى ئېسىدە تۇتالايدىغان قىلىش كېرەك››.

خەلقئارا ئىستىراھەت كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ جىجېن مۇنداق دېدى: ‹‹يۇرتىنى ئېسىدە تۇتۇش›› كەلگۈسىدە سەھرا ساياھەتچىلىكىنىڭ پەرقلىق تەرەققىياتىدىكى سېھرىي كۈچكە، شۇنداقلا ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت كەچۈرمىشىگە ئايلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ سەھرا ساياھەتچىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، نۇرغۇن رايوندا پەسكويغا چۈشۈپ قېلىش، تارقاق بولۇش، كىچىك بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا. بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشتە، بىر رايوننىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە گۈزەل سەھرالىرىنى بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش كېرەك. يۇرتىنى سېغىنىش سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت كەچۈرمىشى، مەدەنىيەت بولمىغان ساياھەتچىلىكنىڭ جېنى بولمايدۇ. سەھرا ساياھەتچىلىكىدە داڭلىق ماركا يارىتىش ئۆزگىچە ‹‹سەھرانى سېغىنىش››تىن كېلىدۇ، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا پەسكويغا چۈشۈپ قېلىش، تارقاق بولۇش، كىچىك بولۇشنى يېڭى بولۇش، جۇغلانغان بولۇش ۋە چوڭ بولۇشقا يۈزلەندۈرگىلى، شۇندىلا مەھسۇلاتلاردا يېڭىلىق يارىتىشنى كەسىپلەرنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ بىرلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شەھەر – بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، گۈزەل سەھرانى ماركا قىلغان يېڭى تىپتىكى سەھرا ساياھەتچىلىكىنىڭ بازىرى كۈنسايىن ئىتتىك بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
14-05-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: خەلق تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek