خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: 50 ئايال، 84 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 350 قانۇنسىز كۆچمەن ئولتۇرغان بىر پاراخوت شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 14-ماي تايلاندنىڭ KohLipe رايونى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېقىپ يۈرۈپ جىددىي قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغان. تايلاند ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاند بۇ پاراخوتنىڭ قىرغاققا يېقىنلىشىشىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن پاراخوتتىكىلەرگە يېمەكلىك، ئىچىملىك سۇ يەتكۈزۈپ بەرگەن. تايلاند دېڭىز ئارمىيەسى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاراخوتتىكىلەر مالايشىيا ياكى ھىندۇنېزىيەگە بارماقچى ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved