تېڭشۈن تەنتەربىيىسى5-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى:
ھازىر گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىللە ئىتالىيەنىڭ شىمالىدا مەشىق قىلىۋاتقان لازىئو كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى كىلوسې ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مەن يۈزپىرسەنىت تەييارلىق بىلەن بىرازىلىيىگە بارىمەن شۇنداقلا رونالدو ساقلاپ كىلىۋاتقان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلايمەن، مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى ياخشى ھېس قىلىۋاتىمەن، مەن توۈرا يۆنىلىشتە كىتىپ بارىمەن، ئىقتىدار تېرىنىرى مىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ، ئۇلار ماڭا نىمە لازىملىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا بارلىق ئىشلار توغرا يۆنىلىشتە كىتىپ بارىدۇ.مەن بۇقېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى پۇرسىتىنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويمايمەن دىدى.
كىلوسې ئۈچ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا جەمئىي14توپ كىرگۈزگەن بولۇپ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى ساقلاپ كىلىۋاتقان رونالدونىڭ15توپ سانىغا پەقەت 1توپلا قالدى. كىلوسې مۇنداق دىدى: مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئەڭ ياخشى ھالىتىمگە قايتىش مەن ئىشىنىمەن كوماندىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغاندا مەرگەنمۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ مەن كوماندىمىزنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايان قىلىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن. مىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مىنىڭ نىشانىمنى بىلىدۇ ئۇ بولسىمۇ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاش.
نۆۋەتتە دۇنيا لوڭقىسىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان گېرمانىيە كوماندىسى جۈمە كۈنى كوماندا ئۈچۈن ئەپسۇسلىنارلىق يامان خەۋەر تاپشۇرۇۋالدى، لېۋېركۇسىن كۇلۇبىنىڭ ئارقا مۇداپىئەچىسى «لارس.بېندېر» چوڭ پاقالچەك مۇسكۇلى زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا قاتنىشالمايدىغان بولدى. كىلوسې: ھەممىمىز بىلىمىز «لارس.بېندېر» بىر تالانتلىق پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى، ئۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىرپەسىللىك مۇسابىقىنى ئوينىدى. ھەرقانداق بىر كوماندا ئەشۇنداق ئاجايىپ پۇتبولچىغا مۇھتاج بۇلىدۇ بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يارىلانغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمىز.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved