تېڭشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئامېرىكا نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇش بىر نەچچە كۈن ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە ،2010-يىلىلا ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چاۋشيەن تورىغا مەخپىي كىرگەن ھەم يامان غەرەزلىك يۇمتال كۆچۈرگەن .بۇ ئارقىلىق ئاتالمىش چاۋشيەن خاككېرى سونى شىركىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىق ئىسپاتقا ئېرىشكەن .
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنى ئامېرىكىنىڭ نامىنى ئاتاشنى خالىمىغان سابىق ئەمەلدارى ،چەتئەل ئەمەلدارى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتتىن خەۋىرى بار كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ،شۇنداقلا يېڭىدىن ئاشكارىلانغان ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ بىر ھۆججىتىگە ئاساسەن ،ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ كورېيە قاتارلىق ئىتتىپداقداشلىرىنىڭ ياردىمىدە چاۋشيەن تورىغا بىۋاسىتە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكى ھەم يامان غەرەزلىك يۇمتال كۆچۈرۈپ ،چاۋشيەن تورىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يۈرۈشۈشنى ئوڭۇشلۇق نازارەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى .
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ،بۇ نازارەت قىلىش ھەرىكىتى باشتا ئاساسلىقى چاۋشيەن يادرو پىلانى ھەم باشقارەھبەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان .لېكىن 2013-يىلى كورېيە بانكىسى ئاخبارات شىركىتى زور ككلەملىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ،نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاتالمىش چاۋشيەن خاككىرلىرىنىڭ پائالىيىتىنى نازارەت قىلىشقا يۆتكەلگەن .
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ،ئامېرىكا تەكشۈرۈش خادىملىرى يېقىندا بۇلتۇر سىنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خاككىر ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتا سونى كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلما خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان .ئاندىن ھۇجۇم قىلغان دەپ ھۆكۈم چىقارغان .لېكىن خەۋەردە يەن ،چاۋشيەن خاككىرلىرىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى نازارەت قىلىنغانىكەن ئۇنداقتا ئامېرىكا نېمىشقا ئالدىن ئالا سونى شىركىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش قويمىدى دەپ سوئال قۇيۇلدى .
ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتىدىكى سونى سۈرەت كۆڭۈل ئېچىش شىركىتى بۇلتۇر زىيارەت ناملىق كىنونى سۈرەتكە ئالدى .ئۇنىڭدا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئادەم ياللاپ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېننى قەسلىگەنلىكى بايان قىلىنغان .بۇلتۇر نويابىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سونى سۈرەت كۆڭۈل ئېچىش شىركىتى ،ئۆزلىرىنىڭ خاككىرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغغانلىقى ،كۆپ قىسىم ئىچكى ماتېرىياللارنىڭ ئاشكارلانغانلىقىنى ئېيتتى . ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەرھال چاۋشىيەننى ئەيىبلىدى ،لېكىن بۇ ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved