23 – ماي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۈن قاتارلىق رەھبەرلەر شىنجاڭ ھەربىي – ساقچى – خەلق بىرلەشمە قوراللىق چارلاش ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قەسەمياد يىغىنىغا قاتناشتى.
23 – ماي چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ھەربىي – ساقچى – خەلق بىرلەشمە قوراللىق چارلاش ۋە زوراۋانلىق ، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قەسەمياد يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۈن قەسەمياد يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىرلەشمە قوراللىق چارلاشنى كۈچەيتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىشتىكى كۈچلۈك ئىرادىنى بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر.
جاڭ چۇنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر، ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس قوشۇنى ۋە ئامما مۇداپىئە قىلىش ۋە ئىدارە قىلىش بىرلەشمە مۇداپىئە ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بېرى، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى مۇقىملىق قوغداش كۈچلىرى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، جەسۇرانە ھالدا دۈشمەنلەر بىلەن ئېلىشىپ، قۇربان بولۇشتىن قورقماي، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved