ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توڭ ئېرىشكە باشلىدى

 ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ رەئىسى رائول كاستىرو 17-دېكابىر ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەتنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تەرەپلەرنىڭ بۇ قارارى قارىماققا بەكلا تۇيۇقسىزدەك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ئۇلار قارار جاكارلاشتىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم يوشۇرۇن سۆھبەتلەشكەنىدى.

 

  ئامېرىكا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوباما 2012-يىلى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا بىر قاتار يىغىن ئېچىپ، ئىككىنچى قېتىملىق زۇڭتۇڭلۇق مەزگىلىدىكى سىياسىي كۈنتەرتىپلەرنى مەسلىھەتلەشكەن. ئوباما ئەمەلدارلارنىڭ «تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرۇپ»، ئامېرىكا بىلەن كۇبا ۋە ئىراننىڭ ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيانقى دىپلوماتىيە قاتماللىقىنى ئوڭشاشنى تەلەپ قىلغان.

 

  ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى تاراتقۇلارغا ئامېرىكا-كۇبانىڭ پەردە ئارقىسىدىكى سۆھبەت ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇش قىلغاندا: ئوباما ئامېرىكىنىڭ كۇباغا يۈرگۈزگەن دىپلوماتىيە سىياسىتىنى «ئۈنۈملۈك ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتتى» دەپ قارايدۇ، دېگەن.

 

  ئوباما كېررىنى دۆلەت كاتىپلىقىغا تەيىنلىگەندە، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ كۇباغا يۈرگۈزگەن دىپلوماتىيە سىياستىدىن نارازى ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. ئامېرىكا دەسلىپىدە كۇبا ئامېرىكىلىق سودىگەر ئېلىن گىروسنى قويۇپ بەرمىگۈچە، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى «توڭنى ئېرىتىش» قىيىن، دەپ قارىغان، شۇڭا كۇبا بىلەن ئۇچراشقاندا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولغان. ئوباما بۇلتۇر باھاردا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ئەمەلدارىغا كۇبا ھۆكۈمىتى ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلىشىش ھوقۇقىنى بەرگەن.

 

  ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئامېرىكا بىلەن كۇبا قارشى تەرەپ پايتەختىدە دىپلوماتىيە مەنپەئەت ۋەكىلخانىسى ۋە كۇبادا تۇرۇشلۇق نىيويورك ب د ت باش ئىشتابى ئەلچىلەر كېلىشتۈرۈش ئورنى قۇرۇشتى، دېگەن.

 

  ئوبامانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى بېنجامېن روز ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى لاتىن ئامېرىكىسى ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى رىكادو سۇنيە 2013-يىلى ئىيۇندا كاناداغا بېرىپ، كۇبا ۋەكىللىرى بىلەن تۇنجى قېتىم سۆھبەتلەشكەن. تەرەپلەر ۋەكىللىرى جەمئىي توققۇز نۆۋەت سۆھبەت ئۆتكۈزۈگەن. ئامېرىكا بىلەن كۇبا سۆھبىتىنىڭ كۆپىنچىسى كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن، لېكىن كانادا ھۆكۈمىتى بىۋاستە قاتناشمىغان. سۆھبەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىۋاستە كۆرۈشۈشكە باشلىغان. ئامېرىكا باش كاتىپى كېررى كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىرونو روجروگېز پاررىلىيا بىلەن كۆپ قېتىم تېلېفونلاشقان.

 

 

  ئۇزاق مەزگىل ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي بوغۇشىغا ئۇچرىغان كۇباغا نىسبەتەن، ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى قايتا قوزغىتىشنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرمەك ئىنتايىن ئاسان، ئۇنداقتا ئامېرىكا بۇ ئىشقا نېمىشقا شۇنچە ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ، سۆھبەت باشلانغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشغا يەنە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ، ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتى جۇڭگوغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

 

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى جىن شەنرۇڭ: ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتى نورماللاشسا، ئامېرىكىغا نىسبەتەن چوڭ بىر بازار كۆپىيىدۇ، لېكىن ئوبامانىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتتا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇشى ئاساسلىقى سىياسىي مىراس قالدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈندۇر، دەپ قارىدى.

 

  جىن شەنرۇڭ: ئوبامانىڭ بۇنداق قىلىشى دېموكراتلارنىڭ كېلەر يىلىدىكى سايلىمى ئۈچۈن ئىجابىي كۈچ توپلاشتۇر، ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى دېموكراتلارنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ سودىگەر سايلىغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىشقا، ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىگە پايدىلىق. جۇڭگوغا نىسبەتەن، ئامېرىكا-كۇبا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشنىڭ ئاكتىپ تەسىرىمۇ بار. جۇڭگو كۇبانىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكى، چەكلىمە بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، كۇبانىڭ ئىقتىسادىي مۇھىتى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ كۇبادا سودا قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىشىغا پايدىلىق، دېدى.



خەتكۈچلەر:
30-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
     رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقنىڭ بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 1-ماي ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ساماۋا شەھىرىدە ئىككى قېتىم تېرورلۇق پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈزبېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 38 گ...
02-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيە تاراتقۇسى بولغان «دەۋر گېزىتى» ۋە دۇنيا ئاخبارات ئاگېنتلىقى (Cihan) دىكى 400 مۇخبىر «خىزمەتتە خاتالىق سادىر قىلىش»، «شىركەت ئوبرازىغا تەس...
02-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، مالايسىيا كۇئالالۇمپۇر، مالايسىيا خەلقى 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا يىغىلىپ ئىشچىلارنىڭ ئاساسىي مائاشىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە مالايسىيا باش مىنىستىرى نەجىبنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى. ...
02-05-2016
يەمەن ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى شېيىخ ئەخمەدكە قۇسەي قوراللىقلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتىن، يەمەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۇۋەيت تىنچل...
02-05-2016
    ئىران پرېزىدېنتى روھانىينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گيۇنھى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بېرىپ ئىراندىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ 1962-يىلى ئىككى دۆلەت دىپ...
02-05-2016
    ياپونىيە مېدىيەلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 30-ئاپرېل بېيجىڭ دىياۋيۈتەيدە زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا سۆھبەتلەشكەن، فۇمىئو كىشى...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك سىياسى سوئال-جاۋابلىق ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئىندىياننا شىتاتىدا 3- ئاپرېل مۇھىم نامى ئاتى...
02-05-2016
    «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ 29- ئاپرېل ئىرۇسالىمدا «جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە ھەيئىتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنى»غا رىياسەتچىلىك قىلغان ب...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شىتاتى كوتلاندىكى بىر قاقاس بازارغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيادىن كەلگەن ئىمپورت ماللار كۆپلەپ ئېقىپ كىرىپ، بۇ بازاردىكى زاۋۇتلارنىڭ سودىسى ئېغىر زەربىگە ...
02-05-2016
    ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە 1-خانىم مىچېل 1-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى مارىيە (Malia Obama) نىڭ 2017- يىلى كۈزدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇشقا كىرىد...
Powered by Leglek