جۇڭگو كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، 3-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا ‹‹يىپەك يولى›› كىيىم-كېچەك بايرىمىمۇ بۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا باشلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق ، كىيىم–كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، مىليونلىغان كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېڭىدىن قۇرۇلغان توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم–كېچەك كۆرگەزمە سارىيى 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى بولدى .
بۇ كىيىم–كېچەك كۆرگەزمە سارىيىنىڭ كۆلىمى 6000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ ، مەملىكىتىمىزدىكى 300 دىن ئارتۇق داڭلىق كىيىم-كېچەك كارخانىسى بۇ يەردە كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ ، جەمئىيەتكە خەلقئارادا ئەڭ مودا بولۇۋاتقان كىيىم-كېچەكلەر ۋە شىنجاڭنىڭ گۈزەل مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ .
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، جۇڭگو كىيىم-كېچەك ساھەسىنىڭ يىللىق ئەڭ چوڭ كەسىي يىغىنى ـــ 2014-يىللىق جۇڭگو كىيىم-كېچەك يىغىنى تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا 3-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا ‹‹يىپەك يولى›› كىيىم-كېچەك بايرىمىمۇ تەڭلا باشلىنىدۇ .
![]() |
پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved