لەگىلەك تورى تەرجىمىسى:
ياشىن تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،تۆنۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق باج ئىدارىسىدىن ئىگەللىشىچە،مالىيە بۆلۈمى،دۆلەتلىك باج ئىدارىسى تاماكىنىڭ توپ تارقىتىش بېجىنى يۇقۇرلاتقانلىق ئۇقتۇرىشىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق باج ئىدارىسى 2014-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن،بۇ قېتىمقى سىياسەت جەھەتتىن تەڭشەلگەندىن كېيىن،پۇتۇن ئاپتۇنۇم رايۇندىكى تاماكا توپ تارقىتىش بېجى 7.1مىليارد يۈەن ئاشقان بۇلۇپ تەخمىنەن ئەسلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان.
5-ئاينىڭ 8-كۈنى مالىيە بۆلۈمى،دۆلەتلىك باج ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چۇشۈرۈپ، 5-ئاينىڭ 10كۈنىدىن باشلاپ تاماكىنىڭ توپ تارقىتىش بېجىنى %5تىن %11كە ئۆستۈرگەن بۇلۇپ،بۇ قېتىمقى تاماكىنى توپ تارقىتىش بېجىنى تەڭشەش يېقىنقى 6يىل ئىچىدىكى تۇنجى قېتىملىق تەڭشەش ھېساپلىنىدىكەن.
2014-يىلدىكى ئاپتۇنۇم راييۇنىمىزنىڭ ئىستىمال بېجى 194.8مىليار يۈەن بۇلۇپ،تاماكا توپ سېتىش بېجىنىڭ ئۆزىدىنلا 7.54مىليارد يۈەن ئىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved