لەگلەك تورى تەرجىمىسى: جۇڭشىن تورى تەييۈەن 4-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلىگىراممىسى: 22- ئاپرېل مۇخبىرنىڭ تەييۈەن شەھىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگەللىشچە، ساقچىلار شىركەت باش خوجايىنى ئايال خىزمەتچىگە باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىنى پاش قىلغان.
تونۇشتۇرۇلۇشچە، ئەمدىلا ئۇقۇش پۈتتۈرگەن قىز ئىستۇدېنت شىياۋ ۋاڭ خىزمەت تاپقاندىن كىيىن، شىركەت باش خوجايىنى خىزمەتنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقان.تونۇشتۇرۇلۇشچە، ئەمدىلا ئۇقۇش پۈتتۈرگەن قىز ئىستۇدېنت شىياۋ ۋاڭ خىزمەت تاپقاندىن كىيىن، شىركەت باش خوجايىنى خىزمەتنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقان.باش خوجايىن بەرگەن بىر ئىستاكان سۇنى ئىچىۋەتكەندىن كىيىن، شىياۋ ۋاڭ ئۇيقۇغا كەتكەن ھەم باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان.نۆۋەتتە، دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى جاۋ جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان.
2014-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى، ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن قىز ئىستۇدېنت شىياۋ ۋاڭ ئىختىساسلىقلار بازىرىدا مەلۇم ساقلىقنى ساقلاش ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتى شىركىتىنىڭ باش خوجايىن جاۋ نىڭ نەق مەيدان تەكلىپ قىلغانلىقنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ.جاۋ خوجايىننىڭ قېپقىلىشقا كۆندۈرۈشى ئاستىدا، شىياۋ ۋاڭ بۇ شىركەتكە كېلىپ ئىشقا چۈشىدۇ.
خىزمەت جەريانىدا جاۋ خوجايىن شىياۋ ۋاڭنى دائىم دەم ئېلىش ۋاقتىدا شىركەتكە چاقىرىتىپ خىزمەت توغرىلىق پاراڭلىشىدۇ.شىياۋ ۋاڭ يەنىلا ئۇنىۋېرسىتېت ياتىقىدا تۇرۇۋاتقان بۇلۇپ، شىركەت بىلەن ئارىلىقى يىراق. جاۋ خوجايىن شىياۋ ۋاڭنى شىركەتكە كۆچۈپ كىرشىنى تەلەپ قىلىدۇ.ئۆي ئىجارىسىنى تېجەش ھەم خىزمەتكە قولايلىق بولۇشنى ئويلىغان شىياۋ ۋاڭ شىركەتكە كۆچۈپ كىرىدۇ.2014-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، شىياۋ ۋاڭ، جاۋ خوجايىن ۋە يەنە بىر خىزمەتچى بىللە تاماق يەيدۇ.تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن، جاۋ خوجايىن شىياۋ ۋاڭنىڭ قولىدىن تارتىپ ئۈستۈنكى قەۋەتتە پىلانلاش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىمىز دەيدۇ.چارچاپ قالغان شىياۋ ۋاڭ سافادا ئولتۇرۇپ جاۋ خوجايىن بەرگەن بىر ئىستاكان سۇنى ئىچىپلا ئۇيقۇغا كىتىدۇ. ھەمدە باسقۇنچىلىقققا ئۇچرايدۇ.
كىيىن شىياۋ ۋاڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ. ھەمدە ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغىنىنى ئېيتىپ، چۈشۈرۋەتكەن ھامىلىنى تەكشۈرۈپ بېكتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق، جاۋ خوجايىنىنىڭ ھامىلىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكى ئېنىقىلنىدۇ.
نۆۋەتتە، جاۋ خوجايىن ساقچىلار تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved