كورىيەلىك بەش باينىڭ بايلىقى چاۋشىيەننىڭ يىللىق GDP سىدىن ئېشىپ كەتتى

       ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 7-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كورىيەدە ئالدىنقى قاتاردىكى بەش باينىڭ ئومۇمىي بايلىقى 40 تىرلىيون ۋون (تەخمىنەن 200 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى) دىن ئاشىدىغان بولۇپ، چاۋشىيەننىڭ 2014-يىللىق دۆلەت ئىچى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى GDP دىن ئېشىپ كەتكەن.

     بىلۇمبرگ مىليادىر كۆرسەتكۈچى (Bloomberg Billionaires Index) نىڭ 7-چېسلا سىتاستىكا قىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، دۇنيا بايلىرى تىزىملىكىدە ئالدىنقى 400 نىڭ ئىچىگە كېرەلىگەن كورىيەلىكتىن سامسۇڭ گۇروھىنىڭ باش لىدىرى لى كۇنخى (Lee Kun-hee) (دۇنيا بايلىرى تىزىملىكىدە 81-ئورۇندا)، ئامورې تىنچ ئوكيان باش لىدىرى (Amore Pacific will) شۇ چىڭپېي (Xu Qingpei) (دۇنيا بايلىرى تىزىملىكىدە 139-ئورۇندا)، سامسۇڭ ئېلېكتىرون مۇئاۋىن باش لىدىرى لى جائېيوڭ (Lee Jae-yong)  (دۇنيا بايلىرى تىزىملىكىدە 179-ئورۇندا)، خىيۇنداي گۇروھى (Hyundai Group) نىڭ باش لىدىرى چۇڭ موڭكۇ (Chung Mong-Koo)  (دۇنيا بايلىرى تىزىملىكىدە 309-ئورۇندا)، SK گۇروھىنىڭ باش لىدىرى سۈي تەييۈەن (Cui Taiyuan) (دۇنيا بايلىرى تىزىملىكىدە 367-ئورۇندا) تۇرغان.

   سىتاستىكا قىلىنىشىچە، بۇ بەش كىشىنىڭ پاي چېكى، نەق پۇلى قاتارلىق ھەر خىل بايلىقلىرىنىڭ قىممىتى جەمئىي 36 مىليارد 400 مىليون دوللار (40 تىرلىيون ۋون ) بولۇپ، كورىيە دۆلەتلىك سىتاستىكا ئورگىنىنىڭ ماتېرىيالىغا قارىغاندا، چاۋشىيەننىڭ 2014-يىللىق دۆلەت ئىچى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى GDP سى 33 تىرلىيون ۋون بولغان. بۇ بەش كىشىنىڭ بايلىقى كورىيە دۆلەت ئىچى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى GDP نىڭ %2.7 نى ئىگىلىگەن.

كورىيەدىكى بىرىنچى باي سامسۇڭ گوروھىنىڭ باش لىدىرى لى كۇنخىنىڭ بايلىقى 13 مىليارد ۋون بولۇپ، ئۇ بۇ بايلىقى ئارقىلىق 450 مىليون ۋونلۇق فارارى ماركىلىق ماشىنىدىن 30 مىڭ دانە سېتىۋالالايدۇ، ئۇ يەنە 250 مىليون ئامېرىكىلىق قۇرامىغا يەتكەن كىشىگە ھامبۇرگ بولكىسى ئېلىپ بېرەلەيدۇ.

     يەنە بىر تەرەپتىن مىكروسوفىت (Microsoft) نىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىسنىڭ ئومۇمىي بايلىقى 83 مىليارد 400 مىليون دوللار بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ باي ھېسابلىنىدۇ، ئىسپانىيەلىك كىيىم-كىچەك پارچە سېتىش ماركىسى ZARA نىڭ قۇرغۇچىسى ئامانسىيو ئورتېگا (Amancio Ortega) بولسا 76 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق بايلىقى بىلەن دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ باي بولۇپ تۇرماقتا، ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدىغىنى بېرىكشىر خاساۋاي (Berkshire - Hathaway) شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ۋاررېن بۇففېت (Warren Buffett) (بايلىقى 62 مىليارد 300 مىليون دوللار)، ئامازون (Amazon) نىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېزوس (Jeff Bezos) (بايلىقى 58 مىليارد 700 مىليون دوللار) ۋە مېكسىكا تېلېگىراف ماگناتې كارلوس سىلىم (Carlos Slim) قاتارلىقلار بار.      



خەتكۈچلەر:
07-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek