جۇڭگونىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالى قىسىمدىكى سالاھىدىن ئۆلكىسىنىڭ سامارا شەھىرىدىكى 1200 دىن ئارتۇق جۇڭگو خادىمىنىڭ ھەممىسى بىخەتەر ھالدا پايتەخت باغداتقا يۆتكەلدى،دېدى.
نۆۋەتتە ئىراقتا 10 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگو پۇقراسى بار، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ خادىمى، كۆپ قىسمى ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرگە، شىمالى قىسىمدىكى كۇرد رايونى ۋە پايتەخت باغدات قاتارلىق ئاساسەن بىخەتەر رايونلارغا تارقالغان.
10-ۋە11-ئىيۇن، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەر كەينى كەينىدىن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم شەھەر مۇسۇل بىلەن تىكىرىتنى ئىگىلىۋالدى ھەمدە مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئىراق بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن كەسكىن توقۇنۇشتى، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى جىددىي ناچارلاشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved