يۈننەن ئۇچۇر گېزىتى خەۋىرى | لەگلەك تورى تەرجىمىسى: شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، مۇخبىر 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ، يۈننەن ئۆلكىلىسى كۈنمىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 12 – چىسلا چۈشتىن بۇرۇن "3.01 تېرورلۇق ۋەقەسى" گە قانۇن بويىچە ئوچۇق سوت ئېچىپ،تەپسىلىي قاراپ چىققانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگەللىگەن.
يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كۆرسىتىشىە: ئاشقۇق دىننىي ئىددىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغانلىقتىن، 2013 – يىلى 12 – ئايدىن باشلاپ جاۋابكار ئىسكەندەر ئەھەد، تۇرغۇن توختىنىياز، ھۈسەن مەمەت، پاتىگۈل توختى ۋە نەخمەيداندا ئېتىپ تاشلانغان ئابدۇرىھىم قۇربان، ئەخمەت ئابىد، ئارمىيە.تۇرسۇن، ماڭسار ساتتار قاتارلىق 8 نەپەر جىنايەتچى ئىمىن موللا، يۈسۈپ ياسىن، بارات ئابدۇسەمەت، ئەلى ئىمىن، سالام مامۇت،(بۇ بەش جىنياتچى ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان)قاتارلىقلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تەدىرىجى ھالدە تېررورلۇق تەشكىلاتى شەكىللەندۈرگەن. بۇ تەشكىلات كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ياكى كونا پويىز ئىستانسىسىدا ئادەم ئۆلتۈرۈش خارەكتېرلىك تېررورلۇق ۋەقەسىي پەيدا قىلىشنى پىلانلىغان ۋە چوڭ تىپلىق پىچاق تەييارلاپ زوراۋان - تېررورلۇق تەرغىباتىدىكى بايراقلارنى ياسىغان. 2014 – يىلى 2- ئاينىڭ 27 – كۈنى ئىسكەندەر ئەھەد، تۇرغۇن توختىنىياز، ھۈسەن مەمەت قاتارلىق جىنايەتچىلەر چىگرىدىن ئوغىرىلىقچە ئۈتۈش قىلمىشىغا چېتىلىپ قالغانلىقتىن يۈننەننىڭ شادىيەن رايۇنىدا ساقچىلار تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان.
3- ئاينىڭ 1 – كۈنى ئىسكەندەر ئەھەد قاتارلىقلار بىلەن ئالاقە قىلالمىغاندىن كېيىن ئابدۇرىھىم قۇربان، ئەخمەت ئابىد، پاتىگۈل توختى، ئارمىيە تۇرسۇن، ماڭسار ساتتار قاتارلىقلار ئەسلى پىلان بويىچە كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسدا زوراۋان- تېررورلۇق ۋەقەسىنى سادىرقىلىش ئۈچۈن ۋەقە سادىر قىلىش قوراللىرىنى تەقلەپ، ماشىنا ئىجارىگە ئېلىپ، كۈنمىڭ پويىز ئىستاسىسغا يېتىپ بارغان. سائەت 21 دىن 12 مېنۇت ئۆتكەندە، بەش ئۇنسۇر پىچاقلىرىنى كۆتۈرۈپ، ۋاقىتلىق پويىز كۈتۈش ئورنىدىن باشلاپ، پويىز ئىستانسىسى ئالدى مەيدانى، ئىككىنچى نومۇرلۇق بېلەت سېتىش كۆزنىكى، بېلەت سېتىش زالى، يۈك – تاق ساقلاش ئورنى قاتارلىق جايلارغىچە تېررورلۇق تەرغىباتىدىكى بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، بىگۇناھ ئاممىنى ئەسەبيلەرچە چانىغان. نەتىجىدە 31 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، 141 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 40 ئادەمنىڭ ئىغىر دەرىجىدە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قولغا ئېلىشقا قاتتىق قارشىلىق قىلغانلىقتىن پاتىگۈل توختى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ يارىلاندۇرۇلۇپ تۇتۇلغان، قالغان تۆت ئۇنسۇر نەخ مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان.
شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ ئاخباراتىدا تونۇشتۇرۇلىشىچە، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىدە : جاۋابكار ئىسكەندەر ئەھەد، تۇرغۇن توختىنىياز، ھۈسەن مەمەت قاتارلىقلارغا زوراۋان – تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەش، باشلامچىلىق قىلىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى؛ جاۋابكار پاتىگۈل توختىغا زوراۋان – تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىكىتىلگەن.
خەلق ۋەكىللىرى، سىياسىي كىڭەيىش ھەيئەتلىرى، ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق تۇغقان، پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 دىن ئارتۇق ئادەم بۇ قېتىمقى ئوچۇق سوتقا قاتناشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved