كۆزەتكۈچى تورى خەۋىرى:لەگلەك تورى تەرجىمىسى، ئىران زۇڭتۇڭى روخانى يېقىنقى مەزگىلدە پايتەخىت تېھراندا، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئىچى تور سۈرئىتى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. روخانى، نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچىنىڭ بىر قەدەر ئاستا بولغان تور سۈرئىتى ۋە ئارقىدا قالغان تور ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى بۇ دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر زىيانلىق تەسىر يەتكۈزگەن، دەپ قارىغان. لېكىن بۇ قارار دۆلەت ئىچىدىكى كونسېرۋاتىپلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ، ئىران شىئە مەزھىپىدىكى چوڭ ئايەتۇللا تۆنۈگۈن، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېنتېرنىت ئەخلاقسىزلىق دېگەن. غەرب ئەللىرىنىڭ ئىدىلوگىيە جەھەتتىكى ھوجۇمىنىڭ زەربىسىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان ئىران 2006.يىلى تور سۈرئىتىنى چەكلەش تەدبىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئادەتتىكى ئائىلىكلەرنىڭ تور سۈرئىتى ھازىرغا قەدەر 128KBps تىن تۆۋەن بولماقتا.
ئىران ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ سىتاستىكا قىلىشىچە، ئىراننىڭ 70 مىليون نوپۇسى ئىچىدە 43 مىليون تور زىيارەتچى ئابونتى بار بولۇپ، بۇ ئىراننى ئوتتۇرا شەرقتىكى تورغا چىقىدىغان زىيارەتچىلەر سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرغان. بىراق ئىران ئېنتېرنىت ئىشلىرى كېچىكىپ تەرەققىي قىلغاچقا، تور ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر قالاق.
تېھران ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھۈسەيىن ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى ئېنتېرنىت ئەھۋالىدىن ئىنتايىن رازى ئەمەس بولۇپ، مۇنداق دېگەن: ئىران تورىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسلىسى تور سۈرئىتى، بەكلا ئاستا، بىزنىڭ تور سۈرئىتىمىز چەكلەنگەچكە، ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە تور سۈرئىتى بولۇپ قالدى.
ئىران زۇڭتۇڭى روخانىي زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە تورنىڭ ئەركىنلىكىنى كېڭەيتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن، ھۆكۈمەت يەنە كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە ئىراننىڭ تور سۈرئىتىنىڭ 3 ھەسسە ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى كونسېرۋاتىپ كۈچلەرنىڭ ئۈزۈكسىز قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. روخانىي دۈشەنبە كۈنى دىنىي زاتلارنى كەڭ قورساق پوزىتسىيە بىلەن ئېنتېرنىت ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان. نۆۋەتتە تورنى ئاساسلىق باشقۇرىۋاتقىنى ئىران ئاخبارات باشقارمىسى ۋە ئىنقىلاپ قوغداش ئارمىيسى قاتارلىق بۆلۈملەر بولۇپ، ئېنتېرنىتتىكى مەۋھۇم بوشلۇقتا قۇرۇلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كومېتىت ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك داھىي خامېنىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان بولۇپ، زۇڭتۇڭنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدا ئەمەس.
رەقەملىك دۇنيا ۋە 3G تورىنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىققا نىسبەتەن ئەنئەنىۋىي دىنىي زاتلارمۇ ئىككىلىنىش پوزىتسىيەسىدە بولماقتا، لېكىن روخانىي بۇنىڭغا قارىتا، ئېنتېرنىت تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن بىلىم ۋە ئۇچۇرغا ئېرىششتىكى ئەڭ مۇھىم قورال دېگەن. ئۇ يەنە دۆلەت ئىچىدىكى ئاستىلىقىغا گەپ كەتمەيدىغان تورنى زاڭلىق قىلىپ بىر پارچە ماقالىنى ئېچىش ئۈچۈن كومپىيۇتېرنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇخلاپ قالغىلى تاس قالىدۇ دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved