1-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى چېگرىسى ئىچىدىكى تەڭرىتاغ باغرىدىكى يايلاق ئۇدا ياغقان قاردا ئاپئاق لىباستىن تون كىيگەنىدى. قازاق چارۋىچىلار داڭلىق ‹‹ئىلى ئېتى››نى مىنىشىپ قار باسقان يايلاقتا بولۇشىغا چاپتۇرۇپ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى.
ئىلى ئېتى يەنە ‹‹دۇلدۇل›› دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. غەربىي خەن سۇلالىسى مەزگىلىدىن باشلاپ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئۇيسۇن دۆلىتىنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونى بولغان بولۇپ، نەسىللىك ئاتلار كۆپ چىققان. ئۇيسۇن خانى نەچچە ئون ئاتلار بىلەن ئەۋەتكەن ئەلچى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بېرىپ خەن ۋۇدى بىلەن كۆرۈشكەن، خەن ۋۇدى ئۇيسۇن ئاتلىرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ‹‹غەربتىكى دۇلدۇل قىسسىسى›› ناملىق نەزمىنى يازغان ھەمدە ئۇيسۇن ئېتىغا ‹‹دۇلدۇل›› دەپ نام بەرگەن. ئىلى ئاتلىرى دەل ئۇيسۇن ئاتلىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولۇپ، ‹‹دۇلدۇل›› دەپ نام ئاتنىڭ ئۆزى. ئىگىلىنىشىچە، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىلى ئېتى نەسلى ياخشىلانغاندىن كېيىنكى نەسل بولۇپ، تاشقى قىياپىتى كېلىشكەن، بەدىنى بەستلىك، پۇتلىرى كۈچلۈك، توم، ئېمونىتىت ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، جۇڭگودىكى تۆت چوڭ ئات تۈرلىرىنىڭ بىرى. نۆۋەتتە، ‹‹جۇڭگودىكى ئاخىرقى دۇلدۇل ماكانى›› دەپ نام ئالغام موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە يەنىلا زور تۈركۈمدىكى ئىلى ئېتى، ئىلى نەسىللىك ئېتى بار بولۇپ، ئات بېقىش مەيدانلىرىدا مەخسۇس يېتىشتۈرۈلمەكتە.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved