سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىك قىلغان كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن سائەت 14تىن باشلاپ يەمەندە ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
بىرلەشمە ئارمىيە ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، بىرلەشمە ئارمىيە ئۆتكەن يىلى 15-دېكابىردىن باشلاپ ئۇرۇش توختاتقان، بۇ يەمەن توقۇنۇشىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ھەمدە تىنچلىق سۆھبىتىگە شارائىت يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. لېكىن قۇسەي قوراللىقلىرى ۋە سابىق زۇڭتۇڭ سالىخنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلدى. بۇ قۇسەي قورالىقلىرى ۋە سالىخنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش، تىنچ سۆزلىشىش جەھەتتە سەمىمىيىتىنىڭ يوقلىقىنى، ئۇرۇش توختىتىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ نىشانىغا يەتمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved