2016-يىلى ئىشلەپچىقىرىش ھەدىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت
مىنىستىرلىكىنىڭ قارىشىچە كۆمۈر ۋە پولات ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى بىر مىليون 800 مىڭ ئىشچى ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ بىر مىليون 800 مىڭ ئادەمدىن باشقا يەنە، كۆپلىگەن ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان پۇقرالار كۆمۈر، پولات بازىرىنىڭ كاساتلىشىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. ئەنخۇينىڭ خېفىيدا بولسا، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى، مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن، كارخانىلارنىڭ كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجى بارغانسىرى تۆۋەنلىگەن، ئىلگىرى بىر مەھەل جانلىنىپ كەتكەن كۆمۈرچىلىك بازىرىمۇ شۇنىڭ بىلەن جىمىپ قالغان. 20 يىلدەك كۆمۈر توشۇش، چۈشۈرۈشكە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان ئىشچىلار بۇ باھار پەسلىدە پارچە-پۇرات ئىش ئىزدەپ تۇرمۇشىنى قامداشقا مەجبۇر بولغان.
2009-يىلى، خېفېيدىكى نەنچى كۆمۈرچىلىك بازىرى بىلەن خەينىڭ يولىدىكى كۆمۈر مەيدانى ئىنتايىن قىزىپ كەتكەن بولۇپ، ھەر كۈنى كۆمۈر توشۇيدىغان ماشىنىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.
ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر كۆمۈرنى چۈشۈرۈشتە ماشىنا ئىشلەتمەي، ئادەم كۈچىگە تايىنىدىغانلىقتىن، نەنچى كۆمۈرچىلىك بازىرىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 دىن كۆپرەك كۆمۈر چۈشۈرگۈچى بار ئىدى.كۆمۈر چۈشۈرۈش ئىشچىلىرىنىڭ ئەمگىكى ئىنتايىن جاپالىق، ھەر كۈنى ئەتىگەندىن-كەچكىچە كۆمۈر چۈشۈرىدۇ. ئەتىگەن، كەچ دېمەي، 24 سائەت ئىشلەيدۇ، ماشىنا كەلسىلا ئىشلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ خىزمەت شارائىتى ئىنتايىن ناچار، نەق مەيداندىن ئىس-تۈتەك، چاڭ-توزان كۆتۈرۈلۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئۇلارغا باشقىچە يوق يوق. نەنچى كۆمۈرچىلىك بازىرى ئەسلىدە ئىنتايىن ئاۋات بازار بولۇپ، بىر ئايدا توشۇلغان كۆمۈرنىڭ سانى نەچچە ئون ۋاگون كېلەتتى. ئەمما ھازىر بۇ پويىزلار قاتناشتىن توختىدى، بىر ئايدا ئاران بىر نەچچە ۋاگون پويىز كېلىدۇ، بۇرۇنقى قايناق مەنزىرىدىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ.
ئەسلىدە بۇ بازاردىكى كۆمۈرلەر توك چىقىرىشقا، خىمىيە-سانائەت زاۋۇتلىرىغا ئىشلىتىلەتتى. ئەمما خېفېي شەھىرى
يېقىندىن بۇيان بۇلغىما قويۇپ بېرىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى، كىچىك پار قازانلار ئىشتىن توختىدى.
ئەينى ۋاقىتتا كۆمۈر ئىشلەتكەن زاۋۇتلار بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دېزىل مېيى ياكى تەبىئىي گاز ئىشلىتىشكە باشلىدى. كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياج جىددىي چۈشۈشكە باشلىدى.
![]() |
كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سىئول جەنۇبىي قۇۋۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار شۇ كۈنى جۇڭگو ئەلچىخانىسىغا پاسكىنا نەرسىلەرنى ئېتىۋ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved