مۇخبىرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى "ئوۋ تۈلكىسى 2014 نامىلىق چەتئەلدە قېچىپ يۈرگەن ئىقتىسادى جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرغان ئىككى ئايدىن بۇيان، باسقۇچلۇق زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بىلەن ماسلىشىپ قېزىل ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتىن 28نى ئېلان قىلغان، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ چەتئەلگە تۇتۇش ھەرىكەت گۇرۇپپىسىدىن 32نى ئەۋەتكەن، 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن چەتئەلدە قېچىپ يۈرگەن ئىقتىسادى جىنايەت گۇماندارىدىن 88نى تۇتقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئون يىلدىن ئارتۇق قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچىدىن 11 بار، تۇتۇلغانلار سانى ئۆتكەن يىلى پۈتۈن يىلدا تۇتۇلغان چەتئەلدە قېچىپ يۈرگەن ئىقتىسادى جىنايەت گۇماندارلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى ئىگىلىگەن. چەتئەلدە قېچىپ يۈرگەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىدە نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ماسلىشىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئافرىقا، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونى، غەربى ياۋروپا قاتارلىق جايلاردا يېڭى بۆسۈش بولغان.
جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ "ئوۋ تۈلكىسى 2014 نامىلىق مەخسۇس ھەرىكىتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى باشتىن ئاخىر "ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدە بولسىمۇ، قېچىپ كەتكەن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش" نۇقتىئىنەزىرىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتى تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چەتئەلدە قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش كۈرىشىدە قەتئىي غەلىبە قىلدى. چەتئەل قانۇن سىرتىدا ئەمەس، جىنايەتتىن قۇتۇلىدىغان بېھىش ئەمەس، چەتئەلگە قېچىپ كېتىش چىقىش يولى ئەمەس، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى چەتئەلدە قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى دۆلىتىمىزگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا داۋاملىق دەۋەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئاممىنىڭ يىپ ئۇچىنى پائال پاش قىلىپ، چەتئەلدە قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش خىزمىتىدە كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved