تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇت ئوغلى بىلەن سىنگاپور باش مىنىستىرى لى شەنلوڭ 14-ئۆكتەبىر ئەنقەرەدە تۈركىيە بىلەن سىنگاپورنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. داۋۇت ئوغلى شۇ كۈنى لى شەنلوڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيە بىلەن سىنگاپور مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك كېلىشىمىنى ئىمزالىشىغا مۇستەھكەم ئاساس سالدى.
ئىككى تەرەپنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىشىدىن مەقسىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشدىن ئىبارەت. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: تۈركىيە بىلەن سىنگاپور سۆھبەتنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تېزدىن ئىمزالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved