ئاپتوموبىلىڭىزنى پۇل خەجلىمەي ئاسراشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ
05-01-2015
0
1272
يازغۇچى: ‏نائىلە
thumb

ئاپتوموبىللار شەھەرچىسى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.كۆپلىگەن ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قىيىن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قىيىن تەرىپى ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغاندىن كېيىنكى ئىشلىتىش، ئاسراش، رېمونت قىلىش چىقىمى. ئۇنداقتا ئاپتوموبىل ئىشلىتىشتە ئورۇنسىز چىقىملارنى تېجىگىلى بولامدۇ؟

1. ئاسرىلىدىغان دەۋرلىنىش ۋاقتىنى توغرا بېكىتىش:

ئاسرىلىدىغان دەۋرلىنىش ۋاقتى دېگىنىمىز ئاپتوموبىللارنى ئاسرايدىغان ۋاقىت ئارىلىقى ۋە ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. شوپۇرلار ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىش جەريانىدا، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت تونۇشتۇرغان ئاسراش دەۋر قىلىش ۋاقتى، ئاپتوموبىلنىڭ تېخنىكا ئەھۋالى ۋە ئىشلەش شارائىتىغا ئاساسەن ئاسراش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشىسە بولىدۇ. ئادەتتە، ياخشى يول مۇھىتىدا ئىشلىتىلگەن ئاپتوموبىللارنى كەينى – كەينىدىن رېمونت قىلىش ھاجەتسىز؛ ماشىنا ھەيدەش ماھارىتىڭىز تۆۋەن ھەم ماشىنا ناچار مۇھىتتا ھەيدەلگەن بولسا، زاۋۇت بېكىتكەن ئاسراش دەۋرلىنىش ۋاقتىنى ئەڭ يۇقىرى چەك قىلىۋالماي، مۇۋاپىق ئاسراش دەۋرلىنىش ۋاقتىنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ.

2.ئومۇميۈزلۈك چۇۋۇپ رېمونت قىلىشىدىن ساقلىنىش:

ئاپتوموبىلنى ئومۇميۈزلۈك چۇۋۇپ رېمونت قىلغاندا، مەلۇم زاپچاسلار ياخشى قۇراشتۇرۇلماي قېلىشى ياكى كەم قۇراشتۇرۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، ئاپتوموبىل مۇددەتتىن بۇرۇن رېمونت قىلىش مەزگىلىگە كىرىپ قالىدۇ. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى، بىرىنچىدىن، رېمونتچىنىڭ قۇراشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىدىن بولسا، ئىككىنچىدىن، ئىشلىتىلگەن زاپچاسلارنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بارلىقىدىن بولىدۇ. شۇڭا پۈتۈنلەي چۇۋۇپ رېمونت قىلدۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۈسكۈنىسى ئىلغار، تېخنىكىسى يۇقىرى ئىشەنچلىك رېمونتخانىلارغا بېرىپ، زۆرۈر بولمىغان رېمونتلارنى قىسقارتىپ، پۈتۈنلەي چۇۋۇپ رېمونت قىلىش ۋە بىر قىسىم زاپچاسلار پەيدا قىلىدىغان ئورۇنسىز زەخىملىنىشتىن ساقلىنىپ، ئاسراش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، چىقىمنى ئازايتىش كېرەك.

3. ھەقسىز تەكشۈرۈپ «دىياگنوز» قويۇش:

ھازىر ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى قانات يايدۇرۇۋاتقان ھەقسىز تەكشۈرۈپ «دىياگنوز» قويۇش پائالىيەتلىرى شوپۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق. شوپۇرلار بۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، بەزى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان يۇقىرى چىقىملىق ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چىقىمىنى تېجەشنى بىلىۋېلىشى كېرەك.


4. ماي سەرپىياتى مۇۋاپىق بولۇش:

ماينى مۇۋاپىق ئىشلىتىش مۇنداق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىسى، يېقىلغۇ مېيى، ئىككىنچىسى، سىلىقلاش مېيى. يېقىلغۇ مېيى مۇۋاپىق كەلمىسە ماي سۈزگۈچتوسۇلۇپ قېلىش ۋە ماي پۈركۈگۈچنىڭ پۈركەش ئىقتىدارى ناچار بولۇش كاشىلىلىرى كۆرۈلۈپ، موتورنىڭ سۈرئىتى توسالغۇغا ئۇچراش بىلەن ماي سەرپىياتىنى يوقىرىلىتىۋېتىش كېلىپ چىقىپ، سىلىندىرنىڭ ئۇپىرىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، موتورنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىپ، ئاپتوموبىلنى ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش چىقىمىنى كۆپەيتېۋېتىدۇ. ماركىسى ۋە دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان سىلىقلاش مايلىرىنىڭ سۈپەت ۋە باھا پەرقى چوڭ بولىدۇ. ئۇنداقتا قانداق سىلىقلاش مېيىنى سېتىۋالغاندا، باھاسى مۇۋاپىق ھەم ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ؟ ئۇنىڭ پىرىنسىپى مۇنداق: ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشلىتىش تەلىپىگە ماس كېلىدىغانلىرىنى سېتىۋېلىش، توغرا سېتىۋېلىش، قىممىتىنى سېتىۋالماسلىق. مەسىلەن، موتورنىڭ ئاپتولىنى ئېلىپ ئېيتساق، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللارغا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن SJ دەرىجىلىك ئاپتوللارنى ئىشلىتىلەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEKش، ئىمپورت قىلىنغانلىرىغا ئېسىلىۋالماسلىق لازىم.

 


 


خەتكۈچلەر:
05-01-2015
0
1272
يازغۇچى: ‏نائىلە
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2015
0
75
thumb
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 508-يول ئاممىۋى ئاپتوبوس شوپۇرى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكتىن شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز قىلىنغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش كارخانىسى تېز سۈرئەتتە 1-لىنىيەدىكى شوپۇرلارنى تەشكىللەپ بىخەتەرلىك تەربىيەسى ...
28-05-2015
0
80
thumb
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 27-ماي ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-يانۋاردىن ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قانۇنسىز تىجارت قىلغان 2158 ئاپتوموبىلغا قاتتىق زەربە بېرىلگەن، 2014-يىل پۈتۈن بىر ...
27-05-2015
0
363
thumb
سۈي يۈنيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى بىرلا ۋاقىتت...
26-05-2015
0
117
thumb
 قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: تاكسى ئىسلاھاتى ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى تاكسى كەسپى ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك دىققەت قىلماقتا. ھازىر قاتناش تىرانسپورت مىن...
22-05-2015
0
102
thumb
شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: مېترو 1-لىنىيەسى «تۆگىدەڭ بېكىتى» قۇرۇلۇش مەزگىلىدە نۇرلۇق يولى ۋە ئەتراپتىكى يوللارنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقىنى يەڭگىللىتىپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ...
21-05-2015
0
242
thumb
مىسىر ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى بولغان سۇۋەيىش قانىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 163 كىلومېتىر بولۇپ، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەسىنىڭ سۇ يولىنى تۇتاشتۇرىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم سۇ يولىنىڭ بىرى. ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى تەخمىنەن 25 مىڭ پاراخوت سۇۋەيىش ق...
21-05-2015
0
177
thumb
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 20-ماي چۈشتىن بۇرۇن بىرازىلىيەنىڭ رىئودى ژانېيرو ئوبلاستى باشلىقىنىڭ ھەمراھلىقىدا، جۇڭگو چاڭچۈن ئاپتوبۇس شىركىتى رىئودې دانېيرودىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىس...
18-05-2015
0
244
thumb
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: مېترو 1-لىنىيەسى ئاققوۋۇق بېكىتىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار 18-ماي شەھەر ئاھالىلىرىگە بۇ جايدىن ئايلىنىپ يۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى، يول يۈرگەندە يول بەلگىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەس...
16-05-2015
0
239
thumb
ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسى « دادىۋوپۇ بېكىتى » دە 18-ماي سائەت نۆلدىن باشلاپ قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ. مۇخبىرنىڭ 14-ماي ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، مېترو لىنىيەسى قۇرۇلۇشى مېھمان كۈتۈش شىمالىي 1- يولى( نېف...
13-05-2015
0
198
thumb
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى قاتناش كارخانىلرى، ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى شوپۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەتسىز شوپۇرلۇق قىلىش قىلمىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، يېقىندا بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ شوپۇرلۇق قىلىش قىلمىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، يوشۇرۇن خەۋىپنى...
Powered by Leglek