جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن سابىق زۇڭلى تاكسىن ئارىسىدىكى سىياسىي ماجرا يەنە بىر قېتىم كەسكىنلەشكەن، بۇ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 27-ماي تاكسىننى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئابرويىغا زىيانكەشلىك قىلدى دەپ قاراپ، ئۇنىڭ تايلاند پاسپورتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان.
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق ئېيتمىغان، لېكىن ئانالىزلارغا قارىغاندا تاكسىن يېقىندا كورىيە تاراتقۇلىرىغا مۇنداق دېگەن : 2014- يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە « پەردە كەينىدىكى قارا قول » بىلەن تايلاند ئالاھىدە ھوقۇقلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بار.
ئىگىلىنىشىچە، تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى تاكسىن 2006- يىلى ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن ئىزچىل تۈردە چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، 2009- يىلى ئۇنىڭ پاسپورتى بىر قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ، ئەمما ئۇنىڭ سىڭلىسى يىڭلاك 2011- يىلى ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىن، تاكسىنغا قايتىدىن پاسپورت بېجىرىپ بېرىلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved