تۈنۈگۈن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دوڭگۈەن شەھەرلىك شەن مۇكاڭ پەن-تېخنىكا شېركىتىنىڭ ئىشچىلىرى چوڭ كۆلەملىك ئىش تاشلىدى. ئىش تاشلاشقا قاتناشقان ئىشچىلار، ئىجتىمائىي كاپالەت سوممىسىنى ئازايتىپ، مائاش ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
جۇڭگو ئەمگەكچىلەر بۆلۈمىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، بۇ زاۋۇت سامسۇڭ شېركىتىنىڭ جۇڭگودىكى ۋاكالەتچى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بۇلۇپ، يەنە DVDسىن قويغۇچ ئاپپاراتىنىمۇ ئىشلەيدىكەن، چاتاق يېرى بۇ زاۋۇتتا 77نەپەر ياللانما بالا ئىشچى بايقىلىپتۇ.
دوڭگۈەن شەھەرلىك شەن مۇكاڭ پەن-تېخنىكا شېركىتى كورىيە سامسۇڭ گوروھىنىڭ جۇڭگودا قۇرغان تارماق شىركىتى بۇلۇپ، بۇ شېركەتنىڭ زاۋۇتى سامسۇڭنىڭ ئېلىكتىرىنى تەمىنلەيدىغان بازىلارنىڭ بىرى ئىكەن، ئىشچى خىزمەتچىللىرى1000ئادەمدىن ئاشىدىكەن. بىر ئىش تاشلىغۇچى مۇنداق دېگەن: بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن بىرخىزمەتچىنىڭ ئايلىق مۇئاشىدىن 1000يۈەنگە 80 يۈەندىن ئارتۇق تۇتىۋالىدۇ.
سامسۇڭ شېركىتىنىڭ جۇڭگودىكى ۋاكالەتچى زاۋۇتى 200دىن ئارتۇق بۇلۇپ، يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، سامسۇڭنى چۆرىدىگەن ئاساسىدىكى ۋەقەلەر ئاز يۈز بەرمىدى، سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ ۋاكالەتچى زاۋۇتىدىن بىرىدە 2012-يىلى پارتىلاش يۈز بىرىپ، بالا ئىشچى ئىشلەتكەنلىكى ئاشكارلانغان ئىدى، بۇ قېتىم جۇڭگودىكى بۇ ۋاكالەتچى زاۋۇتىدا يەنە ئوخشاش سەتچىلىك بايقالدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved