باشار تەختتكە چىققاندىن كېيىن قانداق خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ؟

سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەد تۈنۈگۈن دەمەشىقتە قەسەم بېرىپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولدى، بۇ ئۇنىڭ 3-قېتىم 7 يىللىق زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىشى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا، يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىمدىكى ئالدىنقى ۋەزىپە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سۈرىيە تېررورىزىمغا ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا زەربە بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىللىي يارىشىش مۇساپىسىنى باشلايدۇ، قاتتىق قول ۋە يۇمشاق قول بولۇش ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ كىرىزىسىنى بالدۇراق ھەل قىلىدۇ، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى باشلايدۇ، دېدى.
باشار كەلگۈسى 7 يىللىق ھاكىمىيەت تۇتۇش پىروگراممىسىنى تۇنۇشتۇردى، قارىماققا باشارنىڭ ھاكىمىيەت تۇتۇش كەلگۈسىگە ئىشەنچىسى تولۇپ تاشقاندەك قىلىدۇ. ئۇ تەختتكە چىققاندىن كېيىن قانداق خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ؟ ئۇ خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالامدۇ؟ ۋەزىيەتنى كونترول قىلالامدۇ؟ خىمىيەلىك قوراللار سۈرىيەدە يەنە پەيدا بولامدۇ؟


3 يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان سۈرىيە كىرىزىسىنى قانداق ھەل قىلىش باشار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خىرىس. يېقىندا سۈرىيەنىڭ شەرقى ۋە ئىراقنىڭ غەربىي شىمالىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلەتى سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىگە مۇقىمسىز ئامىللارنى پەيدا قىلدى. تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئوتتۇرا شەرقتە خەلىپە دۆلىتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بۇ ئەسبىي تەشكىلاتنىڭ تەسىرىدىن سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى راكا، دارزۇر ۋە خاسكادىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەگەر ئايرىلىپ كەتسە بۇ ئۈچ ئۆلكىنى قايتۇرۇۋېلىشقا خېلى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىكەن.


باشار ۋەزىپە ئولتۇرۇش نۇتۇقىدا سۈرىيەنىڭ شەرقدىكى ئەسەبىي تەشكىلات كونترول قىلىۋاتقان راكا ئۆلكىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ھۆكۈمەت شۇ يەردىكى خەلقنى ئازاد قىلىشقا تىرىشىدۇ، دېدى. ئەمەلىيەتتە، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى يېقىندا شەرقىي رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى، كۆپ قېتىم ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتىپ ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتىنىڭ لاگېرىغا زەربە بەردى.


بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىرىزىسنى قانداق ھەل قىلىش فاڭجېنى تېخىمۇ ئېنىق بولدى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەسىنى چېگرا سىرتىدىكى ئۆكچىلەر بىلەن كارى بولماسلىق؛ چېگرا ئىچىدىكى قوراللىقلارغا قەتئىي زەربە بېرىش؛ چېگرا ئىچىدىكى ئۆكتىچى قوراللىقلار بىلەن پائال يارىشىش قاتارلىقلار دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ سىياسەتلەرنىڭ تەسىرىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن چېگرا سىرتىدىكى ئۆكتىچىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ سۆزلەشتۈرۈش ئارزۇسىنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئىنتايىن تەسكە چۈشىدۇ، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش باشار تۈزگەن سىنارىيە بويىچە تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن.


ئوتتۇرا قىسىمدىكى خومىس شەھىرى ۋە باشقا نۇرغۇن رايونلاردىكى كەنت بازارلاردا، سۈرىيە ھۆكۈمىتى شۇ يەردىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ كاپالىتىدە، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشى نورماللىشىشقا باشلىدى. سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرى خەلقكە ياردەم ئەشيالىرىنى نورمال يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان بولدى، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ئۈنۈملۈك ھەل بولدى.


باشار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۈمىۋارلىق بىلەن ئەگەر مىللىي يارىشىش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلگىرى سۈرەلىسەك، ئەڭ تېز بولغاندا بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشنى توختاتقىلى بولىدۇ، توقۇنۇشنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باسقۇچىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلغان.


سۈرىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بېلەت سانىنى ھېسابلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ يىل 6-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، باشار 2 رىقابەتچىسى ئارىسىدا %88.7 ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلبە قىلغان. ئۆكتىچىلەر ۋە بىر قىسىم غەرب ئەللىرى بۇ نەتىجىدىن گۇمان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سۈرىيە ھۆكۈمىتى كونترول قىلىۋاتقان رايونلاردىكى باشارنى قوللاش نىسبىتىنىڭ خېلى يۇقىرى بولۇشى مۇنازىرسىز ھەقىقەت.
باشارنى قوللايدىغانلار ئىچىدە، بىر قسىم كىشىلەر باشارنىڭ قىلغانلىرىغا تامامەن قوشۇلمىسىمۇ، لېكىن باشارنىڭ ۋەزىيەتنى تىنچلاندۇرالايدىغان كىشى ئىكەنلىكىكگە ئىشىنىدۇ. ئۇلار تىنچلىق ئەڭ مۇھىم دېگەن ئىدىيە بىلەن باشارغا ئاۋاز بەرگەن.


2013-يىلى 3-ئايدا، سۈرىيەدىكى ئۇرۇش مەيدانىدا خىمىيەلىك قوراللارغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسە پەيدا بولدى دېگەن خەۋەر تارقالدى. ھازىر بۇ ۋەقە ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى، يېقىندا خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى 30-ئىيۇندىن بۇرۇن خىمىيەلىك قوراللارنى سۈرىيەدىن توشۇپ چىقىش خىزمىتىنى تاماملىغانلىقىنى، سۈرىيەدىكى بىر قىسىم ئىشلەپ چىقىرىش ماتېرىياللىرىنى يوقىتىش خىزمىتىنىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.


بۇ تەشكىلات مۇنداق دېدى: سۈرىيە ھۆكۈمىتى خىمىيەلىك قوراللارنى توشۇپ چىقىش ۋە يوقىتىش خىزمىتىگە ئىزچىل ماسلاشتى، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى، بۇنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى يوقىتىش خىزمىتىنىڭ غەلبىلىك بولۇشىدا رولى چوڭ بولدى.
تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، خىمىيەلىك قوراللار مەسىلىسى پەقەت سۈرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىشكىسى ئىكەن، زۆرۈر تېپىلسا ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىپ ئىش تۇغدۇرىدىكەن، زۆرۈر تېپىلمىسا تىلغا ئېلىپمۇ قويمايدىكەن. لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشىدىن قارىغاندا، خىمىيەلىك قوراللار مەسىلىسى كەلگۈسى بىر مەزگىلدە قايتا ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
17-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 10- ماي ئېلان قىلىنغان بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، فىلىپپىن خەلقىنىڭ قەھرىمانى، گۇمپا شاھى ماننىي پاسكىيۇئاۋ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىق...
11-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى بىر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش ئەنگىلىيە كارخانىلىرىغا 10 يىللىق قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئەن...
11-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شتاتى فىلادېلفىيە شەھىرى، دېموكراتلار پارتىيەسى زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كېلىنتون دەسلەپكى سايلام كېچىلىكى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا شەرقىي قىسىمدىكى بەش شتات...
11-05-2016
    سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتمەكتە ھەمدە دۆلەت ئىلكىدىكى نېفىت كارخانىلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا كېڭىيىش پىلانىغا، يەنى دۇنيا تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ پېيىنى بازارغا سېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. ...
11-05-2016
     ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ جاي ۋاقتى 10 ماي ئافغانسىتان بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ئۈچ يىل ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان پاكىستاننىڭ سابىق ...
11-05-2016
  ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 9-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئىنتايىن قاتتىق يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى تۈزۈۋېتىپتۇ. بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ھەرقانداق كىشى ناۋادا «خاتا سىزىلغان» ھىندىستان خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ، تالاش-تارتىشت...
11-05-2016
      فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 10-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە شۇ جاي ۋاقتى 10-ماي شەرقى جەنۇبتىكى شەھەر دىيارباقىرنىڭ مەركىزىدە بىر قېتىملىق ساقچى ماشىنىسىنى پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم ق...
11-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
10-05-2016
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىنا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كات (سولدا) ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسىنگىرگە ئوردېن تارقىتىپ بەردى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىش...
10-05-2016
    فىلىپپىن سايلام كومىتېتىنىڭ 10- ماي سەھەردىكى ئەڭ يېڭى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دەۋاۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى دۇزېلتى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا 14 مىليون 500 مىڭ بېلەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سايلامدا غەلبە قىلىشى مۇقىم...
Powered by Leglek