ئۇقۇم رەسىم : iPhone 6s
ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
2-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋىرى. IPhone6 بازارغا چىققاندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ تاشقى شەكلى ۋە ئىقتىدارى ئارقىلىق دۆلەت ئىچق بازىرىنى مونوپول قىلىۋالدى. ھالبۇكى iPhone6 تېخى ئەمدى ئابونتلارنىڭ قولىغا تېگىشىگە كېيىنكى بىر ئەۋلات iPhone 6S كە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى.
جۇڭگۇدىكى iSuppli Corp. نىڭ باش نازارەتچىسى بۈگۈن مىكرو بىلوگىدا بۇ يىل كۈزدە ئېلان قىلىنىدىغان ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچىسى، IOS ھەمدە ئىچكى سىغىمىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى، تاشقى قىياپىتى، ئېكران ۋە كامېرا بېشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.ئۇ يەنە iPhone نىڭ لاھىيىلەش دەۋرىي ۋاقتى 2 يىل بولغاچقا يېڭى قىياپەتتىكى ئالما مەھسۇلاتى كۆپچىلىك بىلەن 2016-يىلى كۆرۈشەلەيدۇ دېدى.
بىراق iPhone نىڭ ئىلگىرىكى يېڭىلاش قائىدىسىدىن قارىغاندا مەسىلەن iPhone4 نىڭ ئازراق يېڭىلانغىنىiPhone 4s دېيىلدى، iPhone5 نىڭ ئازراق يېڭىلانغىنى iPhone 5s دېيىلدى. شۇڭا بۇ ئازراق يېڭىلىنىدىغان iPhone6 بەلكىم iPhone 6s دېيىلىشى مۇمكىن. تېخىمۇ چوڭ يېڭىلاش ئېلىپ بېرىلىدىغان IPhone7 بولسا كېلەر يىلى كۈز پەسلىدە ئاندىن بازارغا چىقىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن قارىغاندا iPhone 6s پەقەت قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال سەپلىمىلىرى جەھەتتە يېڭىلاش ئېلىپ بارىدىغان بۇلۇپ تاشقى قىياپەتتە يېڭىلاش ئېلىپ بارمايدۇ. قالغىنىنى iPhone 6s ھەقىقىي ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved