ئاقساراي كۆز يېشىغا ئىشىنەمدۇ؟ ئامېرىكىدىكى سىياسىيونلارنىڭ كۆز يېشى

      ئوباما پرېزىدېنت بولغان يەتتە يىلدىن بۇيان 13 قېتىم يىغلاپ باقتى، ئوبامانىڭ كۆز يېشى كىم ئۈچۈن ئاقتى؟2016- يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئوباما يەنە يىغلىدى، ئۇ قورال- ياراغ تىزگىنلەش ئۈستىدە توختالغاندا، 2012- يىلى كوننېكتىكۇت شىتاتىنىڭ نېۋتون شەھىرىدىكى ساندى خۇك باشلانغۇچ مەكتىپىدە يۈز بەرگەن ئوق چىقىرىش پاجىئەسىنى ئەسلەپ قالغانىدى، ئەينى چاغدا 20 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە ئالتە نەپەر قورامىغا يەتكەن كىشى قازا قىلغانىدى.

       بۇ، ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان 13- قېتىم ئاشكارا سورۇندا يىغلىشىدۇر، مۇنداقچە ئېيتقاندا، تاراتقۇلارنىڭ ئۇنىڭ كۆز يېشىنى 13- قېتىم كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئوبامانىڭ «تەسىرلىك كۆز يېشى» قىلىشىدىكى سەۋەب ۋە سورۇنلار تۆۋەندىكىچە: ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ياكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۈچ قېتىم يىغلىغان؛ سايلام رىقابىتى پائالىيىتىدە ئۈچ قېتىم يىغلىغان؛ مۇزىكا يىغىلىشىدا ئىككى قېتىم يىغلىغان، يەنە بىر قانچە قېتىملىقى «ھەر قانداق ئادەم ياش تۆكۈشكە تېگىشلىك» دەپ قارالغان سورۇندا.

       ھېسسىياتچان ئوباما

   ئوباما مۇشۇ ھەپتە قورال- ياراغ تىزگىنلەش ئۈستىدە توختالغاندا كۆز يېشى قىلغاندىن باشقا، ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق كۆز يېشى بۇلتۇر 12- ئاينىڭ 6- كۈنى تۆكۈلگەنىدى. ئەينى چاغدا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك ئايال ناخشىچىسى ئارېزا فرانكلىن ۋاشىنگتوندىكى كېننىدى مەركىزىدە ئۆزى ساز چېلىپ «(You Made Me Feel Like)A Natural Woman» ناملىق ناخشىنى ئېيتقاندا، پۈتۈن مەيدان لەرزىگە كەلدى، ئوبامامۇ تەسىرلەنگىنىدىن كۆزىگە لىق ياش ئالدى.

    يەنە بىر قېتىملىق ۋەزنى ئېغىر ياش 2012- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى تۆكۈلدى، ئەينى چاغدا ئوباما پرېزىدېنتلىققا قايتا سايلانغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئۇ چىكاكودىكى سايلام رىقابىتى باش شتابىدا سايلام رىقابىتى كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە تەبرىك سۆزى قىلىپ، «مەن راستىنلا سىلەردىن پەخىرلىنىمەن» دېۋىدى، ئۈنى پۈتۈپ كۆزىدىن ياش تۆكۈلدى.

    تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان ئوبامانىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ياش تۆككەن ۋاقتى 2008- يىلى 11- ئايدىكى چوڭ سايلامغا بېلەت تاشلاشتىن تۆت كۈن ئىلگىرىكى ۋاقىت ئىدى. ئۇ ئەينى چاغدا يېڭىلا ئالەمدىن ئۆتكەن مومىسىنى تىلغا ئېلىپ، «مېنى كىچىكىمدىنلا مومام بېقىپ چوڭ قىلغان، ئۇ (مېنىڭ ھاياتىمدىكى) شۇ قەدەر جىمجىت قەھرىمان ئىدى.» دېگەن، ھەمدە ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتكەن.

ئەلۋەتتە، ئوباما يەنە ئۆزىنىڭ ئاق چېچىنىڭ كۆپىيىشى، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى قىزىنىڭ پاي ئارىدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، ئۆيدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئويلىسىلا، ئۆزى يالغۇز قالغاندا ئىختىيارسىز كۆزىدىن ياش قۇيۇلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

     گەرچە ئوباما نۇرغۇن سورۇنلاردا ئۆزىنىڭ ھېسسىياتچان تەرىپىنى نامايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئوبامانى «تولىمۇ باغرى تاش»، «ئاقسارايدا تۇرغان شۇنچە ئۇزۇن كۈنلەردە (يىغلاڭغۇ) بورنا (ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باشلىقى) نىڭ بىر ھەپتىسىچىلىك يىغلاپ باقمىدى» دەپ قارايدىغان تەنقىد سادالىرىمۇ بار. پايتەخت ۋاشىنگتوندا پارلامېنت خەۋەرلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت خەۋەر قىلغان كىشىلەر بورنانىڭ «مەن بىلمەيمەن، مەن تۈنۈگۈن راسا يىغلاپتىمەن.» دېگەن بىر جۈملە مەشھۇر سۆزىنى بىلىدۇ.

     ئەر- ئايال سىياسىيونلارنىڭ كۆز يېشىنىڭ قىممىتى ئوخشىمامدۇ؟

     ئەگەر سابىق پرېزىدېنت نىكسوننىڭ «سۇ جۈمىكى ۋەقەسى» نى «سېسىق نامى پۇر كەتكەن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە بولسا، نىكسوننىڭ ئاقسارايدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى قىلغان سۆزى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۆز يېشىنى ئىمكانقەدەر يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنغان كۆرۈنۈشى ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان ھېسداشلىق ئاتا قىلدى.

    ھالبۇكى، يەنە بىر سابىق پرېزىدېنت نامراتى، كولورادو شىتاتىدىكى تۇنجى ئايال پارلامېنت ئەزاسى پاترىسىيە شرودېر بۇنىڭ ئەكسىچە مۇئامىلىگە دۇچ كەلدى. 1987- يىلى، پاترىسىيە شرودېر پرېزىدېنت سايلام رىقابىتىگە قاتناشقاندىن كېيىنكى بىر قېتىملىق قىسقا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كۆزىدىن ياش ئاقتۇرۇپ، سايلام رىقابىتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، كېيىن پاترىسىيە شرودېر تاراتقۇلار تەرىپىدىن «ھېسسىياتچان»، «ئاممىۋى سورۇندا ئوزىنى تۇتۇۋالالمايدۇ» دەپ قارالدى. پاترىسىيە شرودېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 20 يىلدىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۇنى ئۆچ كۆرىدىغان خەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغان، ئۇنىڭدىن نېمىشقا شۇنچە ھېسسىياتچان، دەپ سورالغان.

پاترىسىيە شرودېر سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، «ئاممىۋى سورۇنلاردا يىغلاپ باققان سىياسىيونلار» نىڭ ئەنگە ئالدۇرۇش خاتىرىسىنى تەتقىق قىلىپ باققان. نەتىجىدە بايقىلىشچە، ئەر سىياسىيونلار ياش ئاققۇزغان چاغدا ھەمىشە «ئەرلەرنىڭ چىن كۆڭلىدىن ياش ئاققۇزۇشى» دەپ قارالغان، ئايال سىياسىيونلارنىڭ ياش ئاققۇزۇشى بولسا ھەمىشە «كەيپىياتىنى كونترول قىلالماي ساراڭلىق قىلىشى» دەپ قارالغان.

     ياشنىمۇ جايىدا ئاقتۇرۇش كېرەك

     ئىلگىرى بىر مەھەل، ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى ياكى پرېزىدېنت رىقابىتىگە قاتنىشىش ئويى بار نامزاتلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ياش ئاققۇزۇشى كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىش بولۇپ قالغانىدى، ئەمما بۇ ئىش ئادەتتە ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىراتتى.

بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى 1972- يىلى كۆرۈلگەن. ئەينى چاغدا، تاراتقۇلاردا ئىزچىل تۈردە دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ يېتەكچىسى ئېدموند مۇسكىنىڭ ئايالى ھاراقكەش دەپ تەنقىد قىلىنغانىدى. ئېدموند مۇسكى بىر قىتىملىق سايلام رىقابىتى پائالىيىتىدە جىددىيلەشكەن ھالدا ئايالىنىڭ ئابرويىنى قوغدىغان، گەرچە ئۇ كېيىن سۆز قىلغاندا بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ، ئاينى چاغدا ياغقان قار يۈزىگە چۈشۈۋالغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدا ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان تاراتقۇلار «ئېدموند مۇسكىنىڭ شۇ كۈنى كەيپىياتىنى كونترول قىلالماي يىغلاپ سالغانلىقى» نى دەلىللىگەن. بۇ بىر قانچە تامچە ياش تۈپەيلىدىن، ئېدموند مۇسكى «ھېسسىياتچان» ۋە «تەنتەك» نامزات دەپ قارىلىپ، قوللاش نىسبىتى بىراقلا چۈشۈپ كېتىپ، ئاخىرى سايلامغا مەغلۇپ بولغان.

گەرچە «ئاقسارايدا كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدىغانلار» مۇ بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايال سىياسىيونلارنىڭ ئاشكارا سورۇنلاردا كۆز يېشى قىلىشى «ئۆزىنى تۇتالمايدۇ» دەپ ئەيىبلىنىدىغان ئىشلار بولسىمۇ، ئەمما ئەگەر كۆز يېشى دەل جايىدا، ۋاقتىدا ئاقسا، ياخشى ئۈنۈمى بولىدۇ.

2008- يىلى، ئوباما بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتىلىقنى تالىشىۋاتقان، ھەمدە «مۇز يۈرەك، ئادەمدەك ھېسسىياتى يوق» دەپ قارالغان ھىلارى كلىنتون يېڭى خامپىشىر شىتاتىدا دەسلەپكى رىقابەت ئېلىپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى، شۇ جايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئايال سايلىغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈش پائالىيىتىگە قاتناشقانىدى. بىر نەپەر ئايال سايلىغۇچى ھىلارىدىن «سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىش جەريانىدا قانداق قىلىپ ئۈزلۈكسىز بەرداشلىق بېرىۋاتقانلىقى» نى سورىغاندا، ھىلارىنىڭ ئاۋازى بۇغۇلۇپ، كۆزى ئاستا- ئاستا يوغاندى ھەمدە ياشقا تولدى. كەسكىن ئېيتقاندا، بۇ چاغدا ھىلارىنىڭ كۆزىدىن ياش تۆكۈلمىدى. ئەمما، شۇ جايدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى «ھىلارىنىڭ كۆزى يېڭى خامپىشىر شىتاتىدا ياشلاندى» دېگەن خەۋەرنى تارقاتقاندىن كېيىن، ھىلارىنىڭ ئىككى كۆزى ياشقا تولغان كۆرۈنۈش ئامېرىكىدىكى بارلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدا ئۈزلۈكسىز كۆرسىتىلدى. نەتىجىدە، شۇ جايدىكى ئايال سايلىغۇچىلار بېلەت تاشلىغاندا، ھىلارى %46 ئاۋازغا ئېرىشتى ھەمدە دەسلەپكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، ئوباما شۇ چاغدا %34 ئاۋازغا ئېرىشتى.

      ئوبامانىڭ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپى شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ قېتىم «ھىلارىنىڭ كامېرا ئالدىدىكى ئۆكسۈشى ئۇنىڭ شۇ چاغدا ئايال سايلىغۇچىلارنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ بېلىتىنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالدى.» دېدى. «ھىلارى يول بويى يىغلاپ ئاقسارايغا كىرەرمۇ؟» دېگەن مەسىلە ئەينى چاغدا ئوباما سايلام رىقابىتى كوللېكتىپىدىكىلەر جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. ئەمما، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ھىلارى شۇنىڭدىن كېيىنكى سايلام رىقابىتىدە ئىزچىل كەسكىن، سوغۇققان بولۇپ كەلدى، ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىنكى سايلام رىقابىتىدە بىرەر قېتىممۇ يېڭىپ باقمىدى.



خەتكۈچلەر:
09-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek