ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ۋە ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەيبېي شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېقىندا تەيۋەن ئارىلىنىڭ سىرتىدىكى ئالاقە قورالى بولغان ئۈندىدار (چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كىرگەن) ۋە LINE (ياپونىيەنىڭ ئالاقە قورالى) قاتارلىق ئىجتىمائىي تور ئالاقە قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تەيۋەن ئارىلى ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان تور ئالاقە يۇمشاق دېتالى - ‹جىيۇكې›نى ئىشلىتىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرىشنى مۇھاكىمە قىلىۋاتقانىكەن. نۆۋەتتە تەيۋەن ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان تور ئالاقە يۇمتالى-‹جىيۇكې›نى ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە يۇمتاللىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ ئىشلىتىش سىناق قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر شەھەردىكى 20 دىن ئارتۇق ئىدارە-ئورگان ۋە 540 نەپەردىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى بۇ يۇمتالنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىۋاتقانىكەن. تەيۋەن ئۆزى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ چىققان ‹جىيۇكى› ناملىق بۇ ئالاقە يۇمتالىنىڭ ئابونتلارنىڭ ھەققىنى تېجەش ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش جەھەتلەردە رولىنى نامايان قىلىپ، ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە يۇمتاللىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىش-ئالالماسلىقى پەقەت بۇ قېتىملىق سىناق ئىشلىتىشتىن كېيىنلا ئاندىن ئايدىڭلىشىدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved