تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
( مۇخبىر دىڭ جىيېنەن، پىراكتىكانت مۇخبىر خۇاڭ لىلى خەۋەر قىلىدۇ.) شىنجاڭ ئاقسۇلۇق ياش قاھار بەسىر جېجىياڭ جىنخۇادا ئىگىلىك تىكلىگىلى 7 يىل بولدى. ھازىر ئۇ ئۆز قۇرغان بالىلار ئېنگىلىز تىلى كۇلۇبى شۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئىنگىلىزتىلى تەربىيىلەش مەكتىپى بۇلۇپ قالدى.
2004-يىلى شىمالىي مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن قاھار بەسىر ئۆزىنىڭ ئېنگىلىز تىلى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىردە قېلىپ تەرەققىي قىلىشنى تاللىغان. 2008-يىلى دوستىنىڭ ياردىمى ئاستىدا قاھار جېجىياڭ جىنخۇادا بالىلار ئېنگىلىزتىلى كۇلۇبىنى قۇرغان. ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا قاھارنىڭ مەكتىپى بارا بارا شۇ يەرلىكلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
قاھار مۇنداق دەيدۇ : « مەن كىتاب ئۆگىتىشنى ياخشى كۆرىمەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىگىنىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن. مۇئەللىم بولغان ۋاقتىمدا پەقەت كىتابنى ياخشى ئۆتۈشنى ئويلىغان. بىراق مەكتەپنى قۇرغاندا پۈتۈن مەكتەپنىڭ دەرىسىنى ياخشى ئۆتۈشنى ئويلىدىم. ئىگىلىك تىكلىگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە مېنىڭ خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىم ناھايىتى كۆپ. باشقىلار تەرىپىدىن < خىزمەت خالتىسى > دەپمۇ ئاتالدىم. چۈنكى مېنىڭ قىلىدىغان ئىشىم بۇرۇنقىدىن كۆپ، شۇڭا مەن چوقۇم چىدىشىم كېرەك.»
يازلىق تەتىل بولسا تەربىيىلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىغان ئاۋات ۋاقتى. بىراق 2014-يىلى يازلىق تەتىلدە قاھار مەكتەپتە بىر يۈەنلىك يازلىق تەتىللىك تەربىيىلەش مەكتىپى ئېچىپ 500 نەپەر تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئېنگىلىز تىلى تەربىيىسىدىن بەھرىمان قىلدى. قاھار مۇنداق دەيدۇ :« خەلق ئىگىلىدىكى ئورۇنلار سالغان مەبلەغ كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇش پۇلىمۇ تۆۋەن ئەمەس. ئائىلە كىرىمى يۇقىرى بولغان ئائىلىلەرلا بالىلىرىنى ئوقۇتالايدۇ. كۆپلىگەن بالىلار بۇنداق تەلەيدىن مەھرۇم بولغان. يازلىق تەتىلدە ئېشىنچا ئۇقۇتۇش كۈچلىرىنى چىقىرىپ تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. بۇلتۇر جەمئى 500 گە يېقىن بالىنى قۇبۇل قىلغان، بۇ يىل يەنە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 500 بالىنى قۇبۇل قىلىمىز.»
بۇ يىل قاھار قۇرغان بالىلار ئېنگىلىز تىلى كۇلۇبى جېجىياڭ جىنخۇادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېنگىلىزتىلى تەربىيىلەش مەكتىپىگە ئايلاندى. قاھار ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.ئۇ مۇنداق دەيدۇ : « مەن بۇ يەردىكى كارخانىچى دوستلارنىڭ ئىئانە توپلاپ كىچىك بالىلارنىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن شىنجاڭغا بېرىپ شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىشنى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا بېرىشنىڭ قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش ئۈمىدىم بار. ھەم يۇرتۇم ئاقسۇدىكى كىچىك بالىلارنى بۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېلىپ ياخشى مائارىپ بىلەن تەربىيىلەنسە ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بىلدۈرۈپ قويسام دېگەن ئۈمىدتىمەن.»
![]() |
ئامىر خان بۇ يىل 12-ئايدا فىلىمى «Dangal»نى قويۇشقا تەييارلاندى. بۇ فىلىمدە ئامىر خان بىر چېلىشچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. فىلىم ئۈچۈن بۇ ئارتىس كشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوبراز ئۆزگىرىشى ئېلىپ باردى.
...
|
![]() |
1-ماي كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، لېكىن بۇ كۈنى قىسمەن ئەمگەكچىلەر يەنىلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جان-پىدالىق بىلەن ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق بايرام ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved