ئەنگىلىيە ريېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 26- نويابردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە دېھقانچىلىق مىنىستىرى 11- ئاينىڭ 26- كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدىن يېمەكلىك ئىمپورت قىلىشنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رۇسىيە دېھقانچلىق مىنىسترىلىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئورگىنى ــــــ رۇسىيە فېدېراتسىيە ھايۋانات ئۆسۈملۈك سەھىيە نازارەتچلىك ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئاشكارلىغان: دېھقانچلىق مىنىستىرلىكى تۈركيەدىن ئىمپورت قىلىنغان تەخمىنەن %20 يېمەكلىكىنىڭ رۇسىيە بېكىتكەن ئۆلچەمگە يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىدى، شۇڭلاشقا تۈركىيەدىن يېمەكلىك ئىمپورت قىلىشنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىمىز.
ريېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيە رۇسىيەگە ئىمپورت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر سەي-كۆكتات، مېۋە-چىۋە ۋە گۆش تۈرىدىكىلەرنى ئاساس قىلىدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved