جياڭ جيېشى ئۈچ قېتىم ئامېرىكىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئاتوم بومبىسى تاشلاش تەكلىپىنى رەت قىلغان

           سىرتقى ساھەگە ئاشكارىلانغان جياڭ جيېشىنىڭ 1950-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى يازغان كۈندىلىك خاتىرىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرومىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئاتوم بومبىسى ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بۇنى چوقۇم توسۇش كېرەك».

         1950-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ رىنچۈەندە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، جەڭ ۋەزىيتىنى دەرھال ئۆزگەرتىۋەتتى. 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسى چاۋشيەننىڭ پايتەختى پىڭراڭنى ئىشغال قىلدى. شۇ كۈنى كېچىدە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 250 مىڭ ئەسكەردىن تەشكىل تاپقان  پىدائىيلار قىسمى بۇيرۇققا بىنائەن چاۋشيەنگە كىردى. 25-چېسلا، پىدائىيلار ئارمىيەسى قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنى قاتتىق تالاپەتكە ئۇچراتتى. ئەينى چاغدا ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلىپ، داڭ چىقارغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىغا مەسئۇل باش قوماندانى مەك ئاسىر چۆچۈپ كېتىپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەنگە كىرگەن جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ، ئۇلارنىڭ سانى يەنە بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، بىزنىڭ دۇچ كېلىۋاتقىنىمىز بىر مەيدان يېڭى ئۇرۇش. 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرومىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىسمى ئۆزلىرىنىڭ چاۋشيەندىكى مۇقەددەس بۇرچىدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدى، بىز ھەرقانداق ۋاسىتىلارنى قوللىنىشتىن باش تارتماي ئۇرۇش ۋەزىيتىنى ئۆزگەرتىمىز. بۇ ۋاقىتتا بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن سوراپ: ھەرقانداق ۋاسىتە دېگىنىڭىز ئاتوم بومبىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ يوق؟ دېگەندە تىرومىن مۇنداق دېدى: بىز ئۇنىمۇ ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

          ئېنىقكى، جياڭ جيېشى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خاتىرىسى دەل بۇنىڭ ئالدىنقى كۈنى تىرومىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇشۇ سۆزىگە قارتا يېزىلغان. ئۇ خاتىرىسىدە «بۇنى چوقۇم توسۇش كېرەك» دەپ يازغىنىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى جياڭ جيېشى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىشىگە قارشى تۇرۇپلا قالماي يەنە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللانغان.

        جياڭ جيېشى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى كورىيە ھۆكۈمىتىنى پۈتۈنلەي قوللايدىغان بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم ئامېرىكىغا چاۋشيەن ئۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭمۇ چاۋشيەنگە ئەسكەر چىقارغۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇ تىرومىن زۇڭتۇڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرغان.

       «ئامېرىكىنىڭ ۋودىروت بومبىسى، ئاتوم بومبىسى قاتارلىقلار ۋيېتنام ۋە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ»

فىرانسىيە ۋيېتنامنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، 1945-يىلى 9-ئايدا ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۇرۇش قوزغىدى. 1950-يىلى 12-ئايدا فىرانسىيە بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئورتاق مۇداپىئە كىلىشمنامىسى ئىمزالىدى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا فىرانسىيەگە زور مىقداردا قورال-ياراغ ياردەم قىلدى. 1954-يىلى 3-ئايدا جۇڭگونىڭ ھەربىي ياردىمى ئاستىدا ۋيېتنام خەلق ئارمىيەسى ئەسكىرى كۈچى سانىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى، فىرانسىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى ئاساسى جەھەتتىن مۇقىملىشىپ قالدى، ھەمدە ۋيېتنامدىن چېكىنىپ چىقىشقا تەييارلىق قىلدى، بۇ چاغدا ئامېرىكا بۇنىڭغا ئارىلاشتى.

     جياڭ جيېشىنىڭ خاتىرىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى فىرانسىيەنىڭ ۋيېتنامدىكى مەغلۇبىيىتىنى غەلىبىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا بۇ ۋاقىتتا ۋودىروت بومبىسى ۋە ئاتوم بومبىسىنى ئىشلىتىپ ۋيېتنام بىلەن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان. ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئارمىيەسى باش قوماندانلىق شتابىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى خوۋارد تەيۋەنگە كېلىپ، جياڭ جيېشىنىڭ بۇنىڭغا قارتا پىكىرىنى ئالماقچى بولغاندا، جياڭ جيېشى يەنىلا قارشى تۇرغان. ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ۋودىروت بومبىسى، ئاتوم بومبىسى قاتارلىقلار ۋيېتنام ۋە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ، دېگەن. ئەينى چاغدا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى جياڭ جيېشىغا ئاتوم بومبىسىنى ئارىيەت بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.

       جياڭ جيېشى مەغلۇب بولۇپ، تەيۋەنگە قېچىپ بېرىۋالغاندىن كىيىن، چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ ھوقۇقنى قايتۇرۇۋېلىشنى بىر كۈنمۇ ئېسىدىن چىقارمىغان، ۋە ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش پىلانىنىمۇ تۈزۈپ قويغان. لېكىن جياڭ جيېشى ئۆزىنىڭ كۈچىنىڭ چەكلىكلىكىنى، چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن چوقۇم ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادى ياردىمىگە موھتاجلىقىنى چوڭقۇر بىلەتتى. ئۇ ئاتوم بومبىسىنىڭ قانچىلىك قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ نەرسىنىڭ ئۇنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنىمۇ ئوبدان بىلەتتى. لېكىن ئۇ شۇنىمۇ ئېنىق بىلىدۇكى، بۇ نەرسىنى ئىشلەتكەن ھامان پۈتۈن ئەل ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدۇ.

      كونىلار شۇنداق دەيدۇكى «خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە مايىل قىلغۇچىلار جاھان سورايدۇ، ئەكسىچە بولغاندا خار بولىدۇ». جياڭ جيېشى گەرچە چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشنى چۈشىدىمۇ ئويلايدىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ خەلق رايىنىڭ مۇھىملىقىنى بەكرەك بىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئامېرىكىلىقلاردىن ئاتوم بومبىسى سورىغان بولسا ئۇ ھالدا ئۇنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمايلا قالماستىن، يەنە ئۇ مەڭگۈ مىللەتنىڭ گۇناھكارىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.



خەتكۈچلەر:
15-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
        ياڭ گۇيفېي ‹‹ماۋېي ئۆتىڭى ئۆزگىرىشى››دە ئۆلگەن، كونا-يېڭى ‹‹تاڭنامە›› لەردىكى ئوردا خاتىرىلىرى ياكى ئەل ئىچىدىكى يازما ھېكايە، توپلاملاردا، ھەتتا تاڭ، سۇڭ سۇلالىرىدىن كېيىنكىلەر يازغان شېئىر-نەزملەردە بولسۇن، ...
05-02-2016
  گىرمانلار تارتقان100يىل ئاۋالقى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمى
05-02-2016
      10. كلوۋىس مەدەنىيىتى       مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن        شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان         بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
03-02-2016
    رەسىم: موسانىڭ ھەيكىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنى موسا ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى تۆت چوڭ پەيغەمبەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.  يەتكۈچە رىيازەت چەككەن يەھۇدىيلار      مىلادىي...
28-01-2016
      23-يانۋار، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات يۇرتى خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى يىچۈەن ناھىيەسى شۈياڭ قەبرىستانلىقىدىكى بىر چوڭ تىپتىكى قەبرىنى ئارخېئولوگىيەلىك قازغان ھەمدە ق...
21-01-2016
     ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارخېئولوگلار يېقىندا كېنىيەدىكى بىر لاگۇنا (قۇملۇق يانتۇلۇقلار ئارقىلىق دېڭىزدىن ئاجرىلىپ تۇرىدىغان كۆل) دا 27 دانە ئادەم جەسىتى بايقالغان. بۇ 27 دانە ئادەم جەسىتى ئى...
19-01-2016
        ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالىملار يېقىندا ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىدا 118 مىڭ يىل ئىلگىرىكى تاش قورالنى بايقىغان بولۇپ، بۇ تاش قوراللار تارىختىن بۇرۇنقى پەتەك ئادەملەرگە مەنسۇپ بولۇشى م...
18-01-2016
      كىشىلەر تىلىۋېزور قاناللىرى ۋە تاراتقۇلاردا ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر كۆرگەندە، چوقۇم بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىن تېخىمۇ قۇتۇلۇپ بولالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ۋىليام فوكۇس ...
18-01-2016
         500 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېنگلاند پادىشاھى رىچاد Ⅲ نىڭ جەسىتىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانىدى. 2012-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لېيسېستېر شەھىرىدىكى بىر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن بىر ئىسكىلىت قېزىۋېلىندى. 2013-يىلى 2...
16-01-2016
     1-ئاينىڭ 15-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى شۇەنياڭ ناھىيىسى جاۋباۋ بازىرى شىجاۋ كەنتىدىكى مەلۇم تۆپىلىكتە، لوياڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە ئاكادىمىيسىنىڭ  خىزمەتچى خادىملىرى شۇ يەردىن باي...
Powered by Leglek