تارىختىكى سىرلىق ۋەقەلەر (10): ياڭ گۇيفېي نەگە دەپنى قىلىنغان؟

        ياڭ گۇيفېي ‹‹ماۋېي ئۆتىڭى ئۆزگىرىشى››دە ئۆلگەن، كونا-يېڭى ‹‹تاڭنامە›› لەردىكى ئوردا خاتىرىلىرى ياكى ئەل ئىچىدىكى يازما ھېكايە، توپلاملاردا، ھەتتا تاڭ، سۇڭ سۇلالىرىدىن كېيىنكىلەر يازغان شېئىر-نەزملەردە بولسۇن، ھەممىسىدىلا شۇنداق دېيىلگەن. بىراق، مىنگو دەۋرىگە كەلگەندە ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياڭ گۇيفېي ھەققىدىكى تەتقىقاتىدا ئىلگىرلەش بولغان. يەنى ‹‹ماۋېي ئۆتىڭى ئۆزگىرىشى›› بىلەن ئەل ئىچىدىكى يازما ھېكايە، توپلاملاردا دېيىلگەن ياڭ گۇيفېينىڭ  ئۆلۈمى ھەققىدىكى بايان بىردەك ئەمەس، گۇمانلىق نۇقتىلار كۆپ. ھەتتا بەزىلەر ياڭ گۇيفېي بۇتخانىغا كىرىپ راھىبە ياكى دېڭىز سەپىرىگە چىقىپ  يىراقلار جايلارغا يوشۇرۇنۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەندەك ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

       رەسىم: ياڭ گۇيفېي تاڭ شۇەنزۇڭنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولغاچقا، تەدرىجىي ‹‹ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشقا سەل قاراپ، قىز پەرزەنتلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش››تەك كەيپىيات ئەۋج ئالغان. بۇ ھەقتە كېيىنكىلەر ‹‹بۇ ئالەمدە قەدىناس بولۇپ ئۆتۈش، ئۇ ئالەمدە باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش›› مەزمۇن قىلىغان مۇھەببەت ھېكايىسى توقۇغان، بۇ ھېكايىلار ئۇزاققىچە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن.

 ‹‹ماۋېي ئۆتىڭى ئۆزگىرىشى››نىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە ئۈچ خىل كۆزقاراش بار، بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر، بۇ ئۆزگىرىشىنى پەقەت ئوردا نەۋكەرلىرى ئاچلىققا چىدىماي قوزغىغان، ئۇلارنى ياڭ گوجۇڭ قاتارلىق كىشىلەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشقا باش سانغۇن چېن شۈەنلى كۈشكۈرتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. يەنە بىر قاراشتىكىلەر، بۇ ئۆزگۈرۈشنى شاھزادە لى خېڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن پىلانلاپ قوزغىغان، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ پىلانلىغۇچىسى شاھزادە لى خېڭ بولۇپ، چېن شۈەنلى باشقىلار پايدىلىنىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالغان دەپ قارىغان. بۇ خىل كۆز قاراشتا يەنە بەزى ئىختىلاپ مەۋجۇت، بەزى ئالىملار بۇ ئۆزگىرىشكە شاھزادە لى خېڭ ۋە فۇگولار تەڭ قاتناشقان دەپ قارىغان. ئەمما شاھزادە لى خېڭنى ‹‹ئورتاق پىلانلىغۇچى ›› ئەمەس، بۇ ئۆزگىرىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق شەخس ھەرەم ئاغىسى لى فوگۇ دەپ قارىغان. يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر، بۇ ئۆزگىرىشىنى قوزغىغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئارقا تىرىكى گاۋ لىشى، چېن شۈەنلى، گاۋ لىشىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن ياڭ گوجۇڭنى ئۆلتۈرگەن ھەمدە ياڭ گۇيفېينى ئۆلۈۋېلىشقا قىستىغان دەپ قارىغان.

 رەسىم: شائىرلارنىڭ ياڭ گۇيفېي ھەققىدە ‹‹ھەرەمدە ئۈچ مىڭ نازىن بولسىمۇ، پادىشاھ ئۇلارنىڭ ياڭ گۇيفېيغا تەڭ قىلمىغان››، ياڭ گۇيفېي ‹‹قايرىلىپ بىر كۈلسە ئالتە قەسىردىكى نازىنلارنىڭ تەبەسسۇمى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ›› دېگەن مەزمۇنلاردا نەزمە توقۇغان. بۇنىڭدىن شائىرلارنىڭ نەزمىدىكى ياڭ گۇيفېينىڭ ھەقىقەتەن تەڭداشسىز گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالگىلى بولىدۇ.

 

 ‹‹ماۋېي ئۆتىڭى ئۆزگىرىشى››دە ئاساسلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياڭ گۇيفېي قانداق ئۆلگەن؟ رەسمىي تارىختا ياڭ گۇيفېي ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان دېيىلگەن. ئەمما، بەزى كىشىلەر ياڭ گۇيفېي ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولماستىن بەلكى، ئالتۇن يۇتۇپ ئۆلۈۋالغان دەپ قارىغان. ‹‹ماۋېيغا سەپەر›› ناملىق كىتابتا: ‹‹خانىم ئالتۇن ئۇۋىقى يۇتتى، گۇگۇم چۈشكەندە غەمكىن ھالدە ئالەمدىن ئۆتتى›› دېيىلگەن، بۇ يەردە ياڭ گۇيفېينىڭ ئالتۇن يۇتۇپ ئۆلۈۋالغانلىقى ئېيتىلغان. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، مەملىكەتلىك ئىچى-سىرتىدىكى بەزى ئالىملار ئاز-تولا يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ياڭ گۇيفېينى ماۋېي ئۆتىڭىدە ئۆلمىگەن. بەلكى قېچىپ كەتكەن دەپ قارىغان. داڭلىق ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش››شۇناس يۈ پىڭبو 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا ‹‹پىغانلىق نەزملەر ۋە ‹پىغانلىق نەزملار›دىكى گۇمانلىق نۇقتىلار›› ناملىق ماقالىسىدە ھەقىقىي ياڭ گۇيفېي ھىيلە بىلەن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى پاھىشىخانىغا كىرىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. ياپونىيەلىك بەزى ئالىملارمۇ  ياڭ گۇيفېي ‹‹ماۋېي ئۆتىڭى ئۆزگىرىشى›› دە ئۆلمىگەن، بەلكى باشقىلار ئۇنى قوغداپ چەت ئەلگە چىقىرىۋەتكەن، ئۇ ياپونىيە كۇتانىنىڭ دىڭجيۈ جىن دېگەن يېرىگە بېرىۋالغان دەپ قارىغان.

 بەزى ئالىملار  يۈ پىڭبو ۋە ياپونىيەلىك ئالىملارنىڭ ياڭ گۇيفېينى ماۋېي ئۆتىڭىدە ئۆلمىگەن دەپ قىياس قىلغانلىقىنى قۇرۇق خىيال دەپ مەسخىرە قىلغان، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئويلاپ باقايلى، ياڭ گۇيفېي تاڭ شۈەنزۇڭ تەرىپىدىن 20 يىل ئەتىۋارلىنىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چوڭقۇر ھېسسىيات پەيدا بولغان. بولۇپمۇ تاڭ شۈەنزۇڭدەك ھېسسىياتچان ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم ياڭ گۇيفېينى بارلىق كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشى، ياڭ گۇيفېينىڭ ئورنىغا كېلىشكەن دىدەكتىن بىرنى قۇربان قىلىپ ياڭ گۇيفېينى گۆر ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرۇشى تامامەن مۇمكىن، بۇ ناھايىتى ئاددىي ئىش. پېتىراپ كەتكەن لەشكەرلەر ياڭ گۇيفېينى تونۇماسلىقى مۇمكىن، بولۇپمۇ قالايمىقانچىلىق پەيتتە تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا، ياڭ گۇيفېينىڭ قېچىپ قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتى يوق ئەمەس.

ئەسلى مەنبەسى: دۆلەتلەر جۇغراپىيەسىنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشى (تارىختىكى سىرلىق ۋەقەلەر قىسمى)

تارىختىكى سىرلىق ۋەقەلەر (1): قەدىمكى گىرېتسىيە ھەيكەللىرى نېمە ئۈچۈن ھەممىسى يالىڭاچ؟

كۆرمەكچى بولسىڭىز ياندىكى تور ئادرېسىنى بېسىڭ: http://www.nur.cn/news/2015/12/263983.shtml

تارىختىكى سىرلىق ۋەقەلەر (2): تىرويان ئۇرۇشى ئەپسانىمۇ ياكى تارىخمۇ؟

كۆرمەكچى بولسىڭىز ياندىكى تور ئادرېسىنى بېسىڭ: http://www.nur.cn/news/2015/12/264707.shtml

تارىختىكى سىرلىق ۋەقەلەر (3): قەدىمكى رىم ئىمپېرىيەسىدە نېمە ئۈچۈن گېلادىئاتور ئويۇنى ئەۋج ئالغان؟

كۆرمەكچى بولسىڭىز ياندىكى تور ئادرېسىنى بېسىڭ: http://www.nur.cn/news/2015/12/265324.shtml

تارىختىكى سىرلىق ۋەقەلەر (4): سوقرات ھەققىدە ھېكايە

كۆرمەكچى بولسىڭىز ياندىكى تور ئادرېسىنى بېسىڭ: http://www.nur.cn/news/2015/12/266687.shtml

تارىختىكى سىرلىق ۋەقەلەر (5): مىسىر ئايال پادىشاھىنىڭ سىرى

كۆرمەكچى بولسىڭىز ياندىكى تور ئادرېسىنى بېسىڭ: http://www.nur.cn/news/2016/02/274132.shtml

تارىختىكى سىرلىق ۋەقەلەر (6): چىن شىخۇاڭ لەشكەر-ئات ھەيكەللىرىنىڭ ئىگىسى كىم؟

كۆرمەكچى بولسىڭىز ياندىكى تور ئادرېسىنى بېسىڭ: http://www.nur.cn/news/2016/02/274327.shtml

تارىختىكى سىرلىق ۋەقەلەر (7): ئەيسانىڭ كېپەنلىك رەختىنىڭ سىرى

كۆرمەكچى بولسىڭىز ياندىكى تور ئادرېسىنى بېسىڭ: http://www.nur.cn/news/2016/02/274347.shtml

تارىختىكى سىرلىق ۋەقەلەر (8): يەھۇدىي دىنىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۈچلۈك؟

كۆرمەكچى بولسىڭىز ياندىكى تور ئادرېسىنى بېسىڭ: http://www.nur.cn/news/2016/02/274391.shtml

تارىختىكى سىرلىق ۋەقەلەر (9): شۈەنۋۇمېن ئۆزگىرىشىنى كىم قوزغىغان؟

كۆرمەكچى بولسىڭىز ياندىكى تور ئادرېسىنى بېسىڭ: http://www.nur.cn/news/2016/02/274669.shtml



خەتكۈچلەر:
06-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-02-2016
  گىرمانلار تارتقان100يىل ئاۋالقى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمى
05-02-2016
      10. كلوۋىس مەدەنىيىتى       مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن        شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان         بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
03-02-2016
    رەسىم: موسانىڭ ھەيكىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنى موسا ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى تۆت چوڭ پەيغەمبەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.  يەتكۈچە رىيازەت چەككەن يەھۇدىيلار      مىلادىي...
28-01-2016
      23-يانۋار، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات يۇرتى خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى يىچۈەن ناھىيەسى شۈياڭ قەبرىستانلىقىدىكى بىر چوڭ تىپتىكى قەبرىنى ئارخېئولوگىيەلىك قازغان ھەمدە ق...
21-01-2016
     ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارخېئولوگلار يېقىندا كېنىيەدىكى بىر لاگۇنا (قۇملۇق يانتۇلۇقلار ئارقىلىق دېڭىزدىن ئاجرىلىپ تۇرىدىغان كۆل) دا 27 دانە ئادەم جەسىتى بايقالغان. بۇ 27 دانە ئادەم جەسىتى ئى...
19-01-2016
        ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالىملار يېقىندا ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىدا 118 مىڭ يىل ئىلگىرىكى تاش قورالنى بايقىغان بولۇپ، بۇ تاش قوراللار تارىختىن بۇرۇنقى پەتەك ئادەملەرگە مەنسۇپ بولۇشى م...
18-01-2016
      كىشىلەر تىلىۋېزور قاناللىرى ۋە تاراتقۇلاردا ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر كۆرگەندە، چوقۇم بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىن تېخىمۇ قۇتۇلۇپ بولالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ۋىليام فوكۇس ...
18-01-2016
         500 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېنگلاند پادىشاھى رىچاد Ⅲ نىڭ جەسىتىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانىدى. 2012-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لېيسېستېر شەھىرىدىكى بىر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن بىر ئىسكىلىت قېزىۋېلىندى. 2013-يىلى 2...
16-01-2016
     1-ئاينىڭ 15-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى شۇەنياڭ ناھىيىسى جاۋباۋ بازىرى شىجاۋ كەنتىدىكى مەلۇم تۆپىلىكتە، لوياڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە ئاكادىمىيسىنىڭ  خىزمەتچى خادىملىرى شۇ يەردىن باي...
13-01-2016
      تۈنۈگۈن، ئەنگلىيەدىن كەلگەن ئۇشتۇمتۇت بىر خەۋەر پۈتۈن مەملىكەتكە تارقاپ كەتتى. بۇ خەۋەر مەملىكىتىمىزدىكى شەنشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەسلىدە ئەنگلىيەدە ئېلان قىلىنغان ئىلىم-پەن ژۇرنىلىدا مۇنداق دېيىلگەن...
Powered by Leglek