روسىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا ئۆي-مۈلۈك مۇلازىمىتى ئورگىنى-بىرىنچى تىنىچ ئوكيان سەيۋىلىس (Savills) نىڭ تەتقىقاتىدا، دۇنيادىكى بارلىق قۇرۇلۇپ بولغان ئىمارەتنىڭ ئومۇمىي باھاسى 217 تىرىلىيون دوللارغا يېتىدۇ دېيىلگەن.
بۇ دوكىلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2015-يىلىغىچە، دۇنيادىكى بارلىق ئۆي-مۈلۈكنىڭ ئومۇمىي قىممىتى دۇنيا گ د پ سىنىڭ 2.7 ھەسىسىگە تەڭلىشىپ، دۇنيا ئەنئەنىۋى مۈلۈكى (پاي، ئاكسىيە، ئۆي-مۈلۈك، ئالتۇن) نىڭ %60 نى ئىگەللىگەن.
بىرىنچى تىنىچ ئوكيان سەيۋىلىسنىڭ يەرشارى بازىرى تەتقىقات باشقۇرغۇچىسى Yolanda Barnes يولاندا بارنېس تارىختىن بۇيان ئېچىلغان بارلىق ئالتۇننىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 6 تىرىلىيون دوللار، بۇ ساننى دۇنيادىكى بارلىق ئۆي-مۈلۈكنىڭ ئومۇمىي قىممىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئىككىسى ئارىسىدىكى نىسبەتەن 1:36 دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۆي-مۈلۈكنىڭ ئومۇمىي باھاسى خەلقئارا پاي باھاسىدىكى سودا پۈتۈشكەن بارلىق پاي ۋە ئاكسىيەنىڭ ئومۇمىي قىممىتىدىن %30 يۇقىرى ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۇرالغۇ ئۆي دۇنيادىكى ئۆي-مۈلۈك كەسپى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %75 نى ئىگەللەيدىكەن، يەنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بارلىق كىشلەر تۇرىدىغان تۇرالغۇنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 162 تىرىلىيون دوللار ئىكەن. تەكىتلەشكە ئېھتىياجلىق بولغىنى، جۇڭگونىڭ ئۆي مۈلۈك كەسپى ئومۇمىي قىممىتى دۇنيا ئۆي-مۈلۈك كەسپى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىمىنى ئىگەللەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگودا دۇنيادىكى بەشتىن بىر قىسىم نوپۇس ياشاۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved