بېيجىڭدىكى ئون ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك سۆزى

(   سۈرەتتە:  بېيجىڭدىكى  شىنجاڭ  ئاشخانىسىنىڭ  خىزمەتچىسى  ئارزىگۈل)

مۇھەرىر مۇنداق دەيدۇ :‹تېرورچىلار بىلەن مىللەتنىڭ ئالاقىسى يوق ، تېرورچىلار جوڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى›.


يېقىندىن بۇيان شىنجاڭ ، كۈنمىڭ قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەلىرى ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ غەزىپى ۋە ئەيىبلىىشىگە ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ تېرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلانىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقنى ئېلىپ كەلدى . ھەتتا بەزى ئىدارە ئورگانلاردا ئۇيغۇرلار نۇرغۇن ئىدىيە تۇقۇنىشلىرىغا يۇلۇقتى. 16-چىسىلا ‹يەرشارى ۋاقىت گېزىتى› 12 نەپەر بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشنى تەكلىپ قىلىپ ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭدىكى تۇرمۇشى ۋە تېرورلۇق ۋەقەسى توغرىسىدىكى كۆڭۈل سۆزلىرىنى يازدى. ھەمدە بۈگۈنكى سانىىدا باشقا خەۋەرلەرنى كېچىكتۈرۈپ ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى ۋە ھېكايىسىنى ئېلان قىلدى.

 


رەيھانگۈل.ئايال ،44ياش ، مىللىي مەدەنىيەت سارىيى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى

،كاندىدات ئالىي مۇھەرىرى، ئۈرۈمچىدىن كەلگەن

 

 

.: مەن 1988-يىلى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن.مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى چوڭ قورۇدا چوڭ بۇلۇپ، خەنزۇچە مەكتەپتە ئۇقۇغان. ئۇ چاغلاردا خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئوتتۇرىمىزدا بىرەر ئازادىسىزلىك بارلىقىنى ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدىم .لېكىن مەن ،شىنجاڭدىكى دوسلىرىمنىڭ مەيلى خەنزۇ ياكى ئۇيغۇر بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇلاردا بىرخىل ئايرىمچىلىق ھېسياتى بارلىقىنى ھېس قىلدىم، نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر قېتىم شىنجاڭغا قايتقىنىمدا ئۇيغۇر دوستلىرىم ماڭا بۇندىن كېيىن خەنزۇلار بىلەن بىللە ئوينىماسلىقىمنى ئېيتىپ ، ئۆز مىللىتىمىزدىكىلەرنىڭ مېنى ئوڭشىۋېتىشىدىن ھەزەر ئەيلىشىمنى ئەسكەرتىدىغان بوپ قالدى ، مېنىڭ خەنزۇ دوسلىرىم يەنىلا شۇنداق قىزغان ھالدا مېنى تەكلىپ قىلسىمۇ ، بىراق ئۇلار مەن بىلەن بىللە چاغلاردا ، بەزى مەسىلىلەرگە كىلگەندە مەندىن چەتنەيدۇ. راستىمنى ئېيتسام ، مەن بۇنداق ئۆزگىرىشنى كۆرۈشنى قەتئىي خالىمايمەن، بىزگە ئوخشاش ھازىرقى بىر ئەۋلاتلار بلەن باشقا مىللەتتىكى كىشلەر ئۆزئارا دوست بۇلالىغان بولساقمۇ، كېيىنكى بىر ئەۋلات كىشلەرنىڭ دوست بۇلىشى قىيىنغا چۈشىدىغان ئوخشايدۇ ، ھازىر مېنىڭ توغقانلىرىمنىڭ ۋە دوستلىرىمنىڭ باللىرى بارغانسىرى خەنزۇ كىچىكى دوستلار بىلەن ناھايتى ئاز ئالاقە قىلىدىغان بۇلۇپ كەتتى. بەزى چاغلاردا مۇھىتمۇ بەزى چەكلىمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۈرۈمچىدە ، گەرچە كۆپىنچە مەكتەپتە ئۇيغۇر خەنزۇ ئۇقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئۇقۇسىمۇ ، ئەمما بەزى ئىشلار يەنىلا ئايرىۋېتىلگەن، مەسلەن ، ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئۇيغۇر ئۇقۇتقۇچى مەسئۇل بولىدۇ ، خەنزۇ ئۇقۇغۇچلارنىڭ تۇرمۇشىغا خەنزۇ ئۇقۇتقۇچىلار مەسئۇل بولىدۇ. ئامىۋى ئورگانلاردىمۇ شۇنداق ، سوت مەھكىمىسى ، تەپتىش مەھكىمىسى ، جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ىشىنى ئۇيغۇر خادىملار قىلىدۇ ۋە مەسئۇل بولىدۇ.

 

 


قۇربانجان . 32 ياش ، ئەر ، ئەركىن فوتوگىراف. خوتەندىن .

 

 


1998-يىلىدىن بۇرۇن مەن بىر ئېغىزمۇ خەنزۇچە گەپنى بىلمەيتىم، كېيىن خەنزۇتىلىنى ئۆزلىكىمدىن ئۆگەنگەن، مەن يايما ئېچىپ باققان، كاۋاپ ستىپ تىجارەت قىلىپ باققان. 2006-يىلى مەن بېيجىڭدىكى بىر ئائلىي مەكتەپكە كېلىپ سىرىتتىن ئاڭلىغۇچى ئۇقۇغۇچى بولدۇم. ئۇقۇش سالاھىيەت گۇۋاھنامامەممۇ يوق ئىدى، بىراق مەكتەپ مېنى ئېتراپ قىلدى، ئىككىنچى مەۋسۈملۈك قىشلىق تەتىلدە،مەن 6 ساۋاقدىشىمنى ئېلىپ شىنجاڭ قارا تاغ كەنتىگە كېلىپ سۈرەت تارتتىم، بۇ بىر شىنجاڭنىڭ چەت ياقىسىدىكى كەنىت ئىدى، ئېشەك مىنىپ 12 سائەت يو يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى، بىز بىر فىلىم ئىشلىدۇق، بۇ فىلىم مەملىكەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ، كېيىن مەن چىڭخۇا، بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتى ، خەلق ئالىي مەكتىپى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ شىنجاڭنى تېما قىلغان فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدۈم،نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ فوتو سۈرەتلىرىم ئارقىلىق شىنجاڭنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنى چۈشەنگەن ئىدى،


بۇقېتىمقى كۈنمىڭ تېرورلۇق ۋەقەسى مېنىمۇ بەك بىئارام قىلدى ، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى تاكسى توسۇماقچى بۇلۇپ يول بويىدا تۇرۇپ يەتتە تاكسىنى توسىسىاممۇ مېنى ماشىنىغا چىقارمىدى ، كېيىن بىر تاكسى يېنىمدا توختىدى ۋە ئىچىدىكى يۇلۇچى ماشىنىدىن چۈشتى ، مەن شۇ ھامانلا ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ تاكسىغا چىقتىم، شوپۇر مەندىن قەيەرلىك ئىكەنلىكىمنى سورىۋېدى ، مەن جۇڭگولۇق دېدىم، ئۇ يەنە مەندى قايتا سەن قەيەردىن دەپ سورىدى ، مەن شىنجاڭلىق دېسەم ، شوپۇر شۇ ھامانلا ماشىنىنى تورمۇزلاپ توختىدى، مەن: نېمە ؟ شىنجاڭلىقلارنى تۇشۇمامسەن؟ دەپ سورىغاندىن كېيىن ، ئۇ قايتىدىن ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ يولنى داۋام قىلدى ، ماشىنىدا كېتىۋېتىپ مەن شوپۇر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدۇم ۋە نېمىشقا مېنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىمنى بىلگەن دىنكېيىن بۇنداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى سورىدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ بىر قېتىم بىر شىنجاڭلىقىنى تاكسىغا چىقىرىپتۇ ، بۇ يۇلۇچى شوپۇرنى قەستە يولنى ئايلاندۇردى دەپ ئويلىۋېلىپ ، تاكسىنىڭ ئەينىكىنى چېقىۋېتىپتۇ . مەن ئۇنىڭغا ، نۇرغۇن شىنجاڭلىقلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيەسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى،پىكىر ئالماشتۇرۇشتا مەسىلە ۆۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. يول بۇيى شوپۇر بىلەنپاراڭلاشتىم ، تاكسىدىن چۈشىدىغاندا بىر شىنجاڭلىقنى ماشىنىسىغا چىقارغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدىغان قىلمايدىغىنى سورىسام ، ئۇ پۇشايمان قىلمايمەن دېدىم. مەنچە بەزى ۋاقىتلاردا ئىشلار شۇنچىلىك ئاددىي، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرشىشىدا مەسىلە كۆرۈلگەن خالاس. ئەمەلىيەتتە، بېيجىڭدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى بېيجىڭ ئەيىنى ۋاقىتتا تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن. 1982-يىلى ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن يىللىرى،بېيجىڭدىكى بىر تەكشۈرۈش ئەترىتى شىنجاڭغا بېرىپ ، ئۈرۈمچى جەنۇبىي دەرۋازا تەرەپتىكى بىر قايناق بازارنىڭ مەنزىرسىنى كۆرۈپ، ناھايتى ئېسىل كەيپىيات بارلىقىنى ھېس قىلغان، ھەمدە بىر تۈرۆۈم كىشلەرنى بېيجىڭدا مۇشۇنداق قايناق بازار قۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان. ئەنۋاەر ئاكىمىزمۇ شۇ چاغدا بېيجىڭغا كەلگەن.

 

 

ئەنۋەر. ئەر 62 ياش ، يېمەك ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇنلانغۇچى، ئۈرۈمچىدىن
شۇنداق، مەن1982 -يىلى بېيجىڭغا كەلگەن، شۇ چاغدا بىز جەمئىي يەتمىش يەتتە ئادەم بېيجىڭغاكەلگەن ئىدۇق.

 


داۋۇت. ئەر 39 ياش ، يەككە تىجارەتچى، قەشقەردىن

 


مېنىڭ ئۈچ بالام بار، بېيجىڭدا ئېيىغا تۆت مىڭ يۇەن كىرىم قىلىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ بىر ئايلىق خىراجىتىنى قامداپ كېتەلەيدۇ. يۇتتا نۇرغۇن دوستلار بىزدىنكۆپ پۇل تاپىدۇ، بىراق مەن يەنىلا بېيجىڭدا قېلىشنى ياقتۇرىمەن. چۈنكى مەن مۇشۇ يەردە ياشاشقا ئامراق.

 


مۇنىرە، ئايال ،23ياش. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيتىنىڭ خىزمەتچىسى، ئۈرۈمچىدىن
بالىلار باغچىسىدىن باشلاپلا خەنزۇچە مەكتەپتە ئۇقۇغاچقا ، مېنىڭ خەنزۇ دوستلىرىم بەكلا كۆپ. ئارىسىدىكىئىككىسى باشلانغۇچتىكى ساۋاقدىشىم، ئۇلار بىلەن ھازىرغىچە ئالاقەقىلىمەن. بۇ يىل مەن تېخى ئۇلارنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن تۇغۇلغان كۈنسوۋغۇتىنى تاپشۇرۋالدىم. بەكلا تەسىرلەندىم، بېيجىڭغا كەلگىلىمۇ بىر مەزگىل بولدى، مەن ھازىرقى خىزمىتىمنى بەكلا ياقتۇرىمەن. خىزمەتداشلىرىم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتمۇ شۇنچىلىك ئىناق، ئەگەر قىيىنچىلىق بار دېيىلسە ، ئائىلەمنى سېغىنىغتىن باشقا ئەڭ چوڭ بېسىمئۆي ئىجارىسىنىڭ قىممەتلىكى، باشقا ئىشلار شۇنچىلىك ياخشى. بەخىتلىك ئۆتىۋاتىمەن.


دولقۇن ، ئەر 41 ياش ، كورلىدىن ، مىللەتلەرئۈن-سىن نەشىرىياتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. مەن 23 يىل بۇرۇن ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇپ بېيجىڭغا كەلگەن، مەن ئەينى يىلى شەھرىمىزنىڭ ئەليۇلئەلاسى بولغان ئىدىم، شۇ چاغلاردا بىزنىڭ ئۇقۇيالايدىغان ئەڭئالىي بىلىم يۇرتىمىز مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتى ئىدى، بېيجىڭ ئۇنۋېرستى ۋە چىڭخۇ ئۇنۋېرستىتىغا بارالمايتۇق. مېنىڭ بېيجىڭدا قېلىپ قېلىشىم ئاساسلىقى مېنىڭ كەسپىمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىدى. ئەلۋەتتە بزىنىڭمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقىمىز بار، مەسلەن: بىر تەرەپتىن تۇرالغۇ ۋە قاتناش تەرەپتىكىسى ، يەنەبىر تەرەپتىن يېمەك ئىچمەكئادىنتىنىڭ ئوخشىماسلىقى. بىز بىر ئائىلە كىشلىرى تېخى يېقىندىلا شىنيۇەندىكىن بىر ئۆينى سېتىۋالغان ئىدۇق. كېيىن ئاساسلىقى ساقچىخانا ۋە مەھەللە كومىتىتى قاتارلىق جايلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نىسبەتە يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى چۈشەنمىگەنلىك سەۋەبىدىن( بۇلۇپمۇ 7.5 ۋەقەسىدىن كېيىنكىسى ) خېپىڭ رايونىغا كۆچۈپ كەتتۇق. بۇ يەردەمىللەتلەر ئۈن سىن نەشىرىياتىدىكى نۇرغۇن ھەر مىللەت خىزمەتچىللىرى ئىشلەيدىغان بولغاچقا ، مەھەللە كومىتىتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى چۈشىنەلەيدىكەنمەن . بۇ يەردە تۇرسام تېخىمۇئازادىلىك ھېس قىلىدىكەنمەن. بۇنىڭدىن باشقا ، بېيجىڭدىكى ناھايتى كۆپ ئۇيغۇرلار مۇنداق بىر ئورتاق مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ، بالىنى بالىلار باغچىسىغا برتىش مەسىلىىسى. چۈنكى بېيجىڭدىكى بالىلار باغچىسىنىڭكۆپىنچىسىدە مۇسۇلمانچە ئاشخانا يوق. بالىلارنى بالىلار باغچىسىغا تىزىمغا لادۇرۇش ئەسلىدىنلا تەس مەسىلە ئىدى ، ئۇيغۇر بالىلارنى ئېلىپ كىرىش تېخىمۇ تەس بولدى.

 


ئارزىگۈل.40 ياش، يېمەك ئىچمەك شېركىتىنىڭ باشقۇرۇش خادىمى.ئۈرۈمچىدىن
مەن بېيجىڭدىكى بىر ئاشخانىدا ئىشلەيمەن. مەن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە بىر ئاشپۇزۇل ئېچىپ باققان. 7.5 دا ، مەن تېخى ئۈچ نەپەر خەنزۇ يولداشنى ئاشخانامشا يۇشۇرۋالغان. ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئاشخانام باشقىلار تەرىپىدىن چېقىۋېتىلدى. تېرورچىلىق ۋەقەسى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايتى چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا مەن تىيەن جىنغا بارغىنىمدا تېلفونۇمنىڭ توكى قالمىغان ئىدى ، مەن بىر تورخانىنىتېپىپتورغا چىققاش توك قاچىلىماڭچى بولدۇم، بىراق تورخانا خىزمەتچىسى مېنىڭ كىملىكىمنى ئېلىپ سۈرۈتكەندىن كېيىن ، ماڭا ئېچىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن نېمشقا دەپ سورىسام، چۈنكى سەن شىنجەڭلىق ئىكەنسەن دېدى، شۇ ۋاقىتتا كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئىدارىدىكى خەنزۇ دوستلار ماڭا بەكلا كۆڭۈلبۆلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ياخشى ئادەملەر يەنىلا كۆپ.


گۈلى، ئايال ،37 ياش، يەككە سودىگەر، ئۈرۈمچىدىن.

 


نۇرغۇن شىنجاڭدىنكەلگەن دوستلار پەقەت ، شىنجاڭ ئىش بېجىرىش ئورنىدا تۇرالايدۇ. ئالدىنقى قېتىم شىنجاڭدىن بىر دوستۇم كەلدى، بىر مېھمانخانىدىن ياتاقئېچىپ ، ياتاققا كىرىپ ئون مىنوت ئۆتمەيلا ، ساقچى كېلىپ كىملىك تەكشۈردى، ساقچى ئۇنىڭدىن نېمىشقا بېيجىڭغا كەلگەنلىكىنى سورىدى، مەن ئۇلاردىن ھەرقانداق ئادەمدىن مۇشۇنداق سورامسىلەر دەپ سورىسام، ساقچى ماڭا ئۇدۇللا پەقەت ئۇيغۇرلاردىن دېدى.


مەردان : 39 ياش ، يەككە سودىگەر.

 


مەن بېيجىڭدا تۇغۇلۇپ بېيجىڭدا چوڭ بولغان. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قولايسىزلىق پاسپورت بېجىرىش مەسىلىسى. شىنجاڭدا ئاساسلىقى بېجىرگىلى بولمايدۇ. مېنىڭ ئايالىمنىڭ پاسپورتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەچكە شىنجاڭغا بېرىپ قايتا بېجىردۇق، نۇرغۇن تۇنۇشلارنىئىزدەشئارقىلىق ، ئىككى يىلدا ئاران بېجىرىپ بولدۇق.

 


تېرورچىلار بىلەن مىللەتنىڭ مۇناسىۋېتى يوق

 


دولقۇن:

 

تېرورىزىمغا نىسبەتەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قارشى تۇرۇش پىكرىدە ، ئەمەلىيەتتە ، بۇنداق مەسىلىلەرگەنىسبەتەن، ئۇيغۇر بىلمدارلىرى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن ، بىز تېخىمۇجىددىيلەشسەك توغرا بولىدۇ. بىزمۇ ۋەتەنگە ياردەم بېرىشنى خالايمىز. شىنجاڭ جەمئىيتىنىڭمۇقىملىقى ئۈچۈن ، شىنجاڭدىكى بىلىمدارلار ۋەكادىرلار تېخىمۇ زور كۈچ چىقىرىشى كېرەك . ھازىرقى تېرورچىلار يامان بوپ كەتتى، چۈنكى تور ئالاقىسى تەرەققى قىلدى. بۇمەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچن ئالدى بىلەن، ئۇيغۇر زىيالىلار ۋەكادىرلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بەزى ئاخبارات ۋاستىللىرى ، بۇلۇپمۇ يېڭى قۇرۇلغانلىرى، چىقىرۋاتقان بەزى ئاخباراتلار مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتنى تېخىمۇكۈچۈيتىۋېتىپ بارىدۇ. مانا بۇئەڭ زور ئاپاەت. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدا خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋېتىناھايتى ياخشى ئىدى. ھازىر ئىقتىسداد تەققى قىلىشى بىلەن ، ئەكىسچە ھەرخىل شاۋقۇنلار پەيدا بولدى،

 


رەيھانگۈل:

 

تېرورچىلىق ۋەقەسى پەقەت ھازىر ئەمدىلەتىن پەيدا بولغىنى يوق. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ80- يىللىرىدىلا پەيدا بولغان. ئۇ چاغلاردا ئاخبارات ساھەسى ئۇنچە تەرەققى قىلمىغان، ھازىر ئاخبارات ئېچىۋېتىلدى، نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىللىرى تېرورچىلىقنىڭ ھازىرىغا ئېسىلىۋېلىپ، بۇنىڭ ئارقا كۆرىنىشى ۋە تارىخى مەنبەسىنى تەتقىقى قىلمايۋاتىدۇ. ھازىر ئېلانقىلىۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى مۇلاھىزە، بىراق مىللەتنىڭ مەسىلىسى پەقەت مۇلاھىزە بىلەن كۇپايىلەنمەيدۇ. ھەر قېتىم بىر تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، .ئۇيغۇرلار داۋاملىق يەنە بىر ئىش چىقىپتۇ ، كۈن ئۆتكۈزۈش تەس بولىدىغان بولدى دەيدۇ، بىرىنچى ئىنكاسىدا غەزەپلەنسە، كېيىن بۇ تېرورچىلارنىڭ مىللەتكە خەۋىپ ئەكىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ، بۇ تېرورچىلارنىڭ ئادەم چېپىشلىرى بىلەن مىللەتنىڭ نېمە مۇناسىۋېتى بار ؟ ھەرقېتىم تېرورچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرسە بىز خىجىللىققا قالىمىز ، بىز نېمىگەئاساسەن خىجىللىق ھېس قىلىشاتتۇق؟ مەيلىقايسى مىللەتتىنبولسۇن، ئۇ ئادەم ئۆتۈسە پەقەت شۇنىڭ جازالىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

 

 


مەمتىمىن، ئەر ئۇيغۇر ، 33 ياش، ئىسام دارىلمۇئەللىمىنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى، قەشقەردىن

 


مەن2011-يىلى بېيجىڭغا كەلگەن، 2005-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە مەن مىسىرغا ئۇقۇشقا ئەۋەتىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا مىسىر بەكلا مۇقىم ئىدى، پۇقرالارمۇناھايتىقىزغىن مېھمان دوست ئىدى. 2011-يىلى مىسىر ۋەزىيتىدە داۋالغۇش يۈز بەردى، مەن شۇ ۋاقىتلاردا مىسىرنىڭ خەۋەرلىرىنى قىزىقىپ كۆرەتتىم، ئەسلىدە شۇنداق تىنىچ تۇرغان بىر دۆلەت نىڭ ، ئىقتىسددىي چېكىنىپلا قالماستىن، گۇناھسىز خەلىقمۇ ئازاپ تارتتى. شۇڭا ئۇنداق تېرورچىلىق ھەركەتلىرىنى كۆرۈشنى بىزمۇخالىمايمىز. چۈنكى گۇناھسىز پۇقرالارنى خالىغانچەئۆلتۈرۈش ئىسلامدا بولسۇن ياكى ئەخلاق جەھەتتىن بولسۇن بەكلا ئېغىر قىلمىش. مەنچە ، نۇرغۇن دىنىي مەسىلىلەرنى دىني نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ ھەل قىلىش كېرەك، دۆلەتنىڭ دىنىي سىياسىتى بەكلا ياخشى، بىراق شىنجاڭدىكى بەزى كادىر ئورگانلار ، يەرلىكتە دەل جايىغا ئىشلەتمىگەن خالاس. مەسلەن ياغلىق چىگىش ، ساقال قۇيۇش مەسىلىسى. تېرورىزىمغا نىسبەتەن ، دۆلىتىمىزنىڭ بۇمەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالايدىغىنغىا ئىشىنىمەن. بىراق مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن سەل قىلىش مۇھىم.

 

 


ئابلا :

 

 

ئەر 32 ياش جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلىنىڭ تەھرىرى، خوتەندىن

 

مەنمۇ2005 يىلىمىسىرغا ئۇقۇشقا ئەۋەتىلگەن. مەن شۇ يەرلىكنىڭ دىن سىياسىتىدىكى كەڭچىللىكىگە تولىمۇقىزىقىمەن. ئۇ يەردە ھەربىر مەسچىتنىڭ يېنىسا بىر چېركاۋ بارئىكەن. كەڭچەللىك سىياسىتى ئاستىدا ، مىللەتلەرمۇناھايتى ئەركىن ئازادىلىك ھېس قىلىدىكەن. شۇڭا چۇقۇم ۋەتەن سۆيەرلەر بىلەن دىن سۆيەلەردىن ياخشىپايدىلىنىش كېرەك. پەقەت ئاشۇ ۋەتەن سۆيەر ، دىن سۆيەرلەر رول ئوينىسا ، يەرلىكنىڭ ئىدىيەسى دىنئەسەبىيلىرى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلمەيدۇ، ئامما يەرلىكتىكى بەزى بىلىملىك دىنىي زاتلار ئىشانچىگە ئېرىشەلمەي، ئاخۇن بولالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇ زاتلارنىڭ نام شۆھرىتى بار ، يەرلىك ھۆكۈمەت بۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىى كېرەك.

 


دولقۇن:

 

ھازىرغىچەبولغان تېرورچىلىق ۋەقەلىرىدە بىرمۇ ۋەتەن سۆيەرئۇيغۇر دىنىي زات ، بىلىملىك زات ۋە پارتىيەئەزالىرى يوق، كۆپىنچىسى جەمىيەتتىكى بىكار تەلەت كىشلەر، بۇ بىر ھەقىقەت. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ رولىنى قانداق جارىقىلدۇرۇش ، ۋەتەن سۆيەر دىنىي زاتلارنىڭ خىزمىتى ناھايتى ھالقىلىق .
مىلللەت سىياسىتىدە تەڭشەيدىغان بوشلۇق بار

 


رەيھانگۈل:

 

 

بەزى ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى تۈزىتىش كېرەك. مەسلەن: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىيمەكتەپ ئىمتىھانىدا نۇمۇر قۇشۇش ، گەرچە بۇ كۆڭۈل بۆلۈش سىياسىتى توغرا بولسىمۇ، كۆپ يىللىق تەرەققىياتتىن كېيىن ، ئۈرۈمچىدىكى كۆپىنچە ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيەسى ياخشىلاندى، ھەرقانداق شارائىتتا خەنزۇ بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئىمتىھانغا قاتنىشالايدۇ. بىراق قەشقەر، خوتەندىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئۈرۈمچىگە يەتمەيدۇ،خەنزۇتىلى سەۋىيىسىمۇ شۇنداق . ئاز سانلىق مىللەت ئۇقۇغۇچىللىرىغا نۇمۇر قۇشۇشتا مەنچە نامرات جايلاردىكى ئازسانلىق مىللەت ئۇقۇغۇچىللىرىغا قۇشۇش كېرەك، بۇنىڭدىن سىرىت ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن ئاز سانلىق مىللەت ئۇقۇغۇچىللىرى چۇقۇم ئىككى يىل خەنزۇتىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئۇقۇشى ئۈرۈمچىلىك بالىلارغا نىسبەتەن ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق، قەشقەر خوتەن ئۇقۇغۇچىللىرى ئۆزىنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيسىگە ئاساسەن بىر يىل خەنزۇتىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئۇقۇسا ئاندىن بۇ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغانلىق بۇلىدۇ.
مەنچە ئاز سانلىقمىللەتلەر سىياسىتىدە، ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ساقلاپ ، ئۆزگەرتىش كېرەكلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. ‹ئىككىنى ئازايتىپ بىر كەڭچىللىك قىلىش سىياسىتىنى› ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك (80 يىللاردا يولغا قۇيۇلغان، ئاز سانلىق مىللەت جىنايەچىللىرىنى ئاز ئۆلتۈرۈپ ئاز قولغا ئېلىش، بىر تەرەپقىلغاندا كەڭچىللىك قىلىش سىياسىتى). قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر ، جىنايەت ئۆتۆۈزگەن بولسا چوقۇم تۇتۇش كېرەك ، ئۆلتۈرۈش بۇيرىقى چۈرۈش لازىمم بولسا ئۆلتۈرۈش كېرەك، قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا تۇتمىسا ، بۇنى قانداقمۇ دۆلەتنىڭ ئىلغار سىياسىتى دەيمىز؟ بۇنداق بولىۋارسە بەزىلەردە ناچار ئادەت يېتىلىپ قېلىپ ، چوڭ بولغاندا بىر جىنايەت كاتتىۋېشى بوپ كېتىدۇ.

 

 

ئەخمەت،36 ياش ، ئەر، بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر نىفىت كارخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى، ئاقسۇدىن

 


مەن تۇلۇق كۇرۇسنى ۋە ئاسپىرانتلىقنى دوكتۇرلۇقنى نىفىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپتە ئۇقۇغان. ئەنگىلىيەگە ئۇقۇشقا چىقىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، بېيجىڭدىكى بىر نىفىت كارخانىسىدا ئىشقا چۈشتۈم. مەنچە مىللەتلەر مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا ، ئەڭ مۇھىمى مىللەتنىڭ بىلىم ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ، ۋە مىللەتنىڭ مائارىپىنى ياخشىلاش كېرەك . 2012-يىلى ، مەن ئۆيگە قايتىپ تۇغقانلىرىمنى يوقلىدىم. قارىسامشۇ يەردىكى بىر مەكتەپ سىرىتقى كۆرىنىشىدىن خېلى يامان ئەمەستەك قىلدى، ئەمما مەن سىنىپ دېرىزىسىگە يېقىنلاشقاندىن كېيىن سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نورمال دەرس ئوقىماستىن، بىر بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم . بىرسى ماڭا ، گەرچە مەكتەپنىڭ ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تۇلۇق بولسىمۇ، پەقەت بىرلا تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ، خەنزۇتىلى دەرىسى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى . ئۇقۇتقۇچى چىقىپ كېتىپ پادا باقسا ، ئۇقۇغۇچىلار بىر نەچچە سائەت سىنىپتا جىمجىت ئولتۇرسىلا مەكتەپتە ئۇقۇغان ھېسابلىندىكەن. بۇنداق مىللىي مائارىپ ، قانداقمۇ بىر مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلىسۇن؟ بۇلۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن بەزى تۇلۇقسىز باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل ئۇقۇتۇشى تېخىمۇ ھەيران قالارلىق.

 


ئارزىگۈل:

 

 

مەن بىر ئاددىي مىسال ئالاي، مېنىڭ قىزىم1997 -يىلى تۇغۇلغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۆيىمىز شىنجاڭ جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتىنىڭ يېنىدا ئىدى، بىز ئۇنى، جامائەتخەۋىپسىزلىك نازارىتى بالىلار باغچىسىغا قۇيۇپ قوياتتۇق ، سىنىپتا 40 ئۇقۇغۇچى بۇلۇپ 20 ئۇيغۇر ، 20خەنزۇ ئۇقۇغۇچى بار ئىدى ، بىر كۈنى با لىلار باغچىسىنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى يىغىن ئاچتى، يىغىندا ، بالىلار باغچىسىدىنكېيىن قانداق مەكتەپتە ئۇقۇيدىغانلىقىنى بالىلاردىن سورىۋىدى، خەنزۇ ئۇقۇغۇچىلار خەنزۇچە مەكتەپتە ، ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار ئۇيغۇر چە مەكتەپتە ئۇقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قول كۆتۈرۈشتى، پەقەت مېنىڭ قىزىملا خەنزۇچە مەكتەپتە ئۇقۇيمەن دەپ قول كۆتۈرگەن ئىدى. ئۇقۇتقۇچى نېمىشقا دەپ سورىغاندا، ئۇ : خەنزۇچە مەكتەپتە ئۇقۇسا يېگىلى نان با ، ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئۇقۇسا يوق دەپ جاۋاپ بەردى. بالىنىڭ ئېتقىنى ھەقىقەتەنمۇ راست ئىدى.

 


مەردان:

 

 

ھەقىقەتەن شۇنداق، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە چىقىشنى ياخشىكۆرىدۇ ، چۈنكى شىنجاڭنىڭ سىرتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى شىنجاڭدىكىدىن كۆپ. شىنجاڭدا گەرچە، ھەرخىل ياردەم بېرىلدىغان تۈرلەر بولسىمۇ، بۇ تۈرلەرگە لازىم خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىن ھەرقايسى جايلاردىن بارغانلار ، مەبلەغ سېلىش ئوبىكتىغا قاراپ بۇمەبلەغنى چەتئەلدە سالسىمۇ بۇلىۋېرىدۇ. رەيھانگۈل: تەشۋىقاتتا ، مەن شۇمىللەت ئۆزىنىڭ تىلىنى ئىشلىتىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. مەن ئۇيغۇر ، مەنمۇئوخشاشلا بىر نەرسىنىتەشۋىق قىلسام بولىۋېرىدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇمېنىڭ گەپقىلىشىمنى بەكرەك خالايدۇ. مەن ئۇيغۇرلانىڭ رولىنى تېخىمۇجارى قىلدۇرۇش ، ئۇلارنىڭ گۇمانىي كۆز قاراشلىرىنى يوقىتىش، ئۇيغۇرلارنى جۈرئەتلىك گەپ قىلالايدىغان قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن. يەنە بىر جەھەتتىن ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم نەرسىلەرنى نەشىر قىلىشنى ئۈمۈت قىلىمەن، كىشلەر شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىىنى ناھايتى ئاز بىلىدۇ. ئەپەندىمدىن باشقا بىر ئۇيغۇر مەشھۇر شەخىسىنى بىلمەيدۇ، قېنى كىم ئەپەندىمنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؟ قۇتادغۇبىلىك ، تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن چىققانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ ئون ئىككى مۇقامنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەپىدىن غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزىلگەنلىكىنى بىلىدۇ؟

 



خەتكۈچلەر:
23-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek