مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى زىيارەتكە كەلگەن ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە ئالاقىدار 4 تەرەپ يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بۇلايېر بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرەلەشتى.
سېسى مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسنىڭ بىر-بىرىگە يول قويماسلىقى تېخىمۇ ئېغىر ئۆلۈم يېتىم پەيدا قىلىدۇ، مەن بۇنىڭدىن ئېچىنىمەن، مىسىر دىپلوماتىيە يولى بىلەن ئىككى تەرەپنى ئۇرۇش توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
بۇلايېر پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئېغىر بېسىق بولۇشىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى، ئىككى تەرەپنى تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved