فىلىپپىندا تۆت كۈن ئىچىدە تۆت نەپەر جۇڭگۇلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

فىلىپپىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا بىر جۇڭگۇلۇق سودىگەر ياش 15-چېسلا كەچ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. 

 

فىلىپپىن « دۇنيا كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە 3-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ سائەت  ئەتراپىدا جۇ فامىلىلىك جۇڭگۇلۇق سودىگەر ياش ( Frichlin Chu ) مانىلادىكى جۇڭگۇلۇقلار رايۇنى ئىچىدىكى يېنىك رېلىسلىق ماشىنا بېكىتى يېنىدا سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان قوراللىق كىشى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ئوق باش قىسمىغا تەگكەن. ئاخىرىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتدىن ئايرىلغان. 

 

خەۋەردە ئېيتىلىشچە جۇ فامىلىلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىر ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەر تېخنىكى بۇلۇپ شۇ يەردىكى بىر يانفۇن ۋە كومپىيۇتېر رىمۇنت قىلىدىغان كىچىك دۇكاندا ئىشلەيدىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا ئۇ يېنىك رېلىسلىق توك ماشىنىسغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بۇلۇپ ماشىنا بېكىتىدە يېقىن ئارىلىقتىن قورال ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە جىنايەت سادىر قىلغۇچى قورال ھۇجۇمىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن پىيادە قېچىپ كەتكەن.

 

فىلىپپىن دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە يېقىنقى 4 كۈن ئىچىدە فىلىپىننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 4 نەپەر جۇڭگۇلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 3-ئاينىڭ 12-كۈنى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى داۋو شەھىرىدە 33 ياشلىق سەي فامىلىلىك جۇڭگۇلۇق سودىگەر ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە قورال ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. جىنايەت سادىر قىلغۇچىلار قورال ھۇجۇمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن جىنايەت سادىر قىلغان نەق مەيدانغا كېلىپ يەنە بىر نەچچە پاي ئوق ئاتقان. 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 59 ياشلىق لى فامىلىلىك جۇڭگۇلۇق سودىگەر Angel Dy نىڭ جەسىتى ماشىنا ئىچىگە باسۇرۇلۇپ قۇيۇلغان بۇلۇپ ماشىنا مانىلادىكى جۇڭگۇلۇقلار رايۇنى ئەتراپىغا توختىلىپ قۇيۇلغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بايقالغاندا پۇت قولى باغلانغان بۇلۇپ يېنىدىكى مال بىساتى ئىز دېرەكسىز يوقالغان.3-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگۇلۇق مۇھاجىر ئايال لوبىڭ ياك ۋاڭ ( ئاھاڭ تەرجىمىسى ) نىڭ ئۆز ئۆيىدە جەسىتى بايقالغان. بەدىنىڭ ئاستى قىسمى يالىڭاچ بولۇپ باش قىسمى ۋە قولى يارىلانغان. ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلىش ئالدىدا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 



خەتكۈچلەر:
16-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek