شەنشى ئۆلكىسىدە ئوتتۇرا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئادەم چاناش ۋەقەسى يۈز بەردى

سەن چىن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .


4-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن ،ئەنكاڭ شەھرى گۈەن مىياۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا بىر قانلىق دېلو يۈز بەردى .بىر توپ پىچاق كۆتۈرۈۋالغانلار كۈپكۈندۈزدىلا گۇناھسىز ئوقۇغۇچىلارغا قارا قولىنى سۇندى . بىر ئوقۇغۇچى قان كۆپ چىقىپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى ،ئىككى ئوقۇغۇچى يارىلاندى .4-ئاينىڭ 16-كۈنى بىر تورداش مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى قۇشۇپ بەيدۇ تورىدا بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىدى . سۈرەتتە يارىلانغان ئوقۇغۇچى جىددىي قۇتقۇزىلىۋاتقان ئىدى .
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ،ئەنكاڭ شەھەرلىك گۈەن مىياۋ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاشخانا مۇدىرى مۇخبىرغا چۈشەندۈرۈپ ،4-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 17:10 ئۆتكەندە ،ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن قۇيۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ،مەزكۇر مەكتەپنىڭ تۇلۇق بىرىنچى يىللىق بىرىنچى سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى خۇاڭ XXقاتارلىق ئون نەچچە نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆيگە قايتىش يولىدا ئون نەچچە پىچاق كۆتۈرۈۋالغان ناتونۇش ئادەمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىلا قالايمىقان چانىغان .ئۇقۇغۇچىلار دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان ، گۈەن مىياۋ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى دەل ۋاقتىدا نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن . يارىلانغان ئوقۇغۇچىلار دوختۇرخانىغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىلگەن .بىراق خۇاڭ XXئىسىملىك ئوقۇغۇچى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شۇ كۈنى سائەت 21:40 ئۆتكەندە قازا قىلغان .يارىلانغان ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ .
نۆۋەتتە بۇ دېلونىڭ سەۋەبى ۋە ئارقا كۆرۈنىشى تەكشۈرلىۋاتىدۇ .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
19-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek