برازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دېل نېرو 26-نويابىر خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى ئېلان قىلدى، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى برازىلىيە پۇتبولچىلىقى تەرەپكە قارىتىشنى تەكىتلىدى، ئەمما «تاشقى پىلانىت ئادىمى» رونالدو دېل نېرو يەنە برازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى كېرەك دەپ مۇراجەت قىلدى.
برازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان بىر نۇسخا باياناتتا، دىل نېرو خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتىلىك ۋەزىپىسىنى قايتا ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى دېيىلگەن. ئۇ نۆۋەتتە برازىلىيە پۇتبولچىلىقىدا ئىچكى قىسىمدا نۇرغۇن مەسىلە ۋە تالاش-تارتىش بار، مەن برازىلىيە پۇتبول جەمىيىتىنىڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشۈم كېرەك دېگەن. برازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فېرناندو سارنا ئۇنىڭ ئورنىغا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇ ھەم سابىق برازىلىيە ئەلبېشى خوسې سارنانىڭ ئوغلى.
74 ياشلىق دېل نىرو 4-ئايدا مارىننىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ برازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسىگە ئايلانغان، ئۇنىڭ ئىلگىرىكىسى مارىن 5-ئايدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ چىرىكلىك دېلوسىغا چېتىلىپ شىۋىتسارىيەدە قولغا ئېلىنغان، كېيىن مارىن بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان دېل نېرومۇ چوڭ بېسىمنى قوبۇل قىلغان، برازىلىيە پارلامېنىتى دېل نېرو ۋە برازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
برازىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، گەرچە دېل نېرو نۆۋەتتە ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەيىبلەش تىزىملىكىگە كىرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما برازىلىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ ھازىرقى «ھوقۇق تۇتقۇچىسى» ۋە مارىننىڭ ئىزباسارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ بەلكىم ئامېرىكا ئەدىلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ گۇماندار تىزىملىكىگە كىرىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ برازىلىيەدىن ئايرىلىپلا قالسا قولغا ئېلىنىشى مۇمكىن.
ئانالىزدا چەتكە چىقىپ قولغا ئېلىنىشتىن ئەنسىرەش دېل نېرونىڭ برازىلىيەدىن ئايرىلماسلىقىنىڭ سەۋەبى دېيىلگەن، 5-ئايدا مارىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇ ئالدىراشلا شىۋىتسارىيەدىن برازىلىيەگە قايتىپ كەلدى، شۇندىن كېيىن قايتا چەتئەلگە چىقمىدى، برازىلىيە كوماندىسىنىڭ چىلىدىكى ئامېرىكا لوڭقىسىدىكى بارلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشمىدى، ھەم برازىلىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىگىمۇ قاتناشمىدى. برازىلىيە قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، برازىلىيە پۇقراسىنى ئۆز دۆلىتى چىگراسى ئىچىدە باشقا دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.
دېل نېرو خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، رونالدو تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «دېل نېرو چوقۇم برازىلىيە پۇتبوچىلار بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىشى كېرەك. قالايمىقان مۇھىتتىن ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ، برازىلىيە پۇتبولچىلىقى ئەڭ جاپالىق مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ، مەيلى پۇتبول باشقۇرۇش قاتلىمى بولسۇن ياكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەشتە بولسۇن ھەممىسىدىن مەسىلە چىقتى. مارىن قولغا ئېلىندى، دېل نېرو ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى برازىلىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ئىناۋىتىنى چۈشۈرۋەتتى.» دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved