چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئالما شىركىتى تىنچ ئوكيان ۋاقتى 9-سېنتەبىر ئەتىگەن سائەت 10:00 ( بېيجىڭ ۋاقتى 10-سىنتەبىر سەھەر سائەت 1:00 ) دا ، ئامېرىكىنىڭ كۇبى تىنودى ئانسا ئىنستىتۇتىنىڭ فىلىنت سەنئەت مەركىزىدە iPhone6 نى ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدىكەن.
ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمىسە ، يەنە بىر يېڭى مەھسۇلاتى باغلىق ئۈسكۈنە ‹‹ iWatch ›› نىمۇ كىشىلەر بىلەن تۈنجى يۈز كۆرۈشتۈرىدىكەن . ئەگەر بۇ خەۋەر مۇمكىن بولۇپ ، iWatch راستىنلا بازارغا سېلىنسا ، ئۇنى يانفون بىلەن ماس ھالدا ئىشلەتكىلى ، شۇنداقلا ئۆز ئالدىغىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن .
گەرچە نۆۋەتتە بۇ مەخسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان پەرەزلەر بولسىمۇ ، ئەمما ئالما شىركىتى بۇنىڭغا قارىتا ئىپادە بىلدۇرمىگەن . بۇ باغلىق ئۈسكۈنە iWatch غا قىزىققان ئالما ھەۋەسكارلىرى پەقەت 9-سېنتەبىردىكى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىلا ئېنىق جاۋاپقا ئېرىشەلەيدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved