سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى شۇ جاي ۋاقتى 31- يانۋار زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە 45 ئادەم قازا قىلىپ، 110 ئادەم يارىلانغان.
سۈرىيە بىخەتەرلىك تارمىقىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارنىڭ شۇ كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، دەمەشىقنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى سىدازىناب بازىرىدا زەرنجىرسىمان پارتلاش يۈز بەرگەن، تېررورچى ئۇنسۇرلار ئاۋال بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە بىر ئاپتوموبىل بومبىنى پارتلاتقان، قۇقتۇزۇغۇچى خادىملار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە ئىككى نەپەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلغۇچى بەدىنىگە تېڭىقلىق بومبىنى پارتلاتقان. نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقان ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىشى مۇمكىنكەن. نۆۋەتتە رادىكال تەشكىلات « شام ئىسلام دۆلىتى » بۇ قېتىمقى زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسىگە ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
سۈرىيە زۇڭلىسى خالىج شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى بۇ گۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىگەن. ئۇ باياناتىدا يەنە بۇ خىل تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سۈرىيەدى ئومۇميۈزلۈك يارىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قەدىمىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved