Ubuntu نىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ساھەسىدىكى تەرەققىياتىنى بىر قەدەر ئاستا دېيىشكە بولىدۇ، بىراق، نەچچە ئايغا سوزۇلغان ساقلاش ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئىستېمالچىلار ئاخىرى Ubuntu Phone يانفونىنى تور سىرتىدىكى دۇكانلاردىن سېتىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ھازىر جۇڭگو، روسىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قاتارلىق رايونلاردا Ubuntu Phone يانفونىنى توردىن سېتىۋالغىلى بولسىمۇ، ئەمما نۇسخىسى ئىنتايىن چەكلىك ئىكەن. Canonical شىركىتى بۇ يىل 2-ئايدا تۇنجى تۈركۈمدىكى Ubuntu Phone يانفونىنى رەسمىي ئېلان قىلغاندا، بىر قىسىم خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى بۇ يانفوننى ئۆز دۇكىنىغا كىرگۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، پەقەت بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت ساقلايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان.
Ubuntu Phone نىڭ قۇرغۇچىسى Mark Shuttleworth ئىلگىرى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، Ubuntu يانفونىنى سېتىش كۆلىمىنىڭ بەكلا تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ كېتىشىنى ئانچە خالىمايدىغانلىقى، ئالدى بىلەن پەقەت بىر قىىسم ھەۋەسكارلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشىنى، ئاندىن بارا-بارا تېخىمۇ كۆپلىگەن ئىستېمالچىلارغا سۇنۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنداق بولغاندا، Canonical شىركىتى Ubuntu Phone نى ئالدىن ئىشلەتكەن ئابونتلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن، ئۇنىڭدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شۇنداقلا ئىقتىدارى ۋە مەشغۇلات تۇيغۇسىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ چىقىپ، كەلگۈسىدىكى يېڭى ئابونتلاردا نارازى بولۇش ئەھۋالى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن.
يىقىندا، مەلۇم بىر Ubuntu ھەۋەسكارى گېرمانىيەدە تارتىلغان بىر پارچە سۈرەتنى تورغا يوللىغان، ئۇنىڭدا Bq Aquaris E4.5 Ubuntu Edition تىپلىق Ubuntu يانفونىنىڭ گېرمانىيەدىكى Saturn دەپ ئاتىلىدىغان بىر دۇكاندا پەقەت بىر ياۋرولىق ئالاھىدە باھا بىلەن سېتىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئەسلىدە، Debitel خەۋەرلىشىش شىركىتى بۇ يانفوننى سېتىۋالغانلارنى 169.90 ياۋرو تولۇقلىما بىلەن تەمىنلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved