يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىراق دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يود كەمچىل بولۇش كېسىلىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگەتتى.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونى جۇڭگونىڭ يود كەمچىل بولۇش كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان ئېغىر كېسەل رايونلىرىنىڭ بىرى. تەبىئىي مۇھىت ۋە تارىخىي ئامىل قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، چەت، يىراق رايونلاردىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ يود كەمچىللىك كېسىلى كۆپ ئۇچرايدۇ . 2008-يىلىدىن باشلاپ شىزاڭدا پۈتۈن رايون بويىچە يودلۇق تۇز تېخىمۇ كېڭەيتىلدى. ھازىرغىچە، تۇز يەتكۈزۈش سېتىش شىزاڭنىڭ ھەممە دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىنى قاپلىدى.
يود كەملىك كېسىلى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى مەكتەپ-ئائىلە-مەھەللە زەنجىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساقلىنىش، داۋالاش ساۋاتلىرىنى ھەر بىر ئائىلىگىچە تەشۋىق قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر، شىزاڭدا يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى، بالىلاردىكى قالقانسىمان بەز ئىششىقى نىسبىتى، بالىلاردىكى سۈيدۈك تەركىبىدىكى يود مىقدارى قاتارلىق ئۈچ تۈردىكى كۆرسەتكۈچ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن دۆلەتنىڭ يود كەمچىل بولۇش كېسىلىدىن ساقلىنىش ئۆلچىمىگە يەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەنە دېھقان چارۋىچىلار ئىشلىتىدىغان يودلۇق تۇزنىڭ باھاسىغا بېرىلىدىغان مالىيە تولۇقلىمىسىنىڭ سالمىقىنى تەدرىجىي زورايتىپ، ھەر يىلى 30 مىليون يۈەن ئاممىۋى مالىيە مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ يودلۇق تۇز سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى بىر يېرىم يۈەندىن 50 پۇڭغا چۈشۈرگەن.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
![]() |
ئىسمى:MACA
تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى
مىقدارى:100تال
ساقلاش مۇددىتى:36ئاي
ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە
مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى :
مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved