يەر شارى تورى خەۋىرى : فىرانسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تور بېكىتىنىڭ 5-ئاۋغۇست رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى خاماسنىڭ مەخپىي لەخمىلىرىنى پارتلىتىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان .
خەۋەر مۇنداق دېيىلگەن ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەگە تۇتىشىدىغان خاماسنىڭ بارلىق مەخپىي لەخمىلىرىنى ۋەيران قىلدى .
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاۋغۇست ، ئىسرائىلىيە–پەلەستىن 72 سائەت ئۇرۇش توختىتىش يېڭى كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بارلىق قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان . ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى پېتىر لېرنېر مۇنداق دېگەن : ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى غەززەنىڭ سىرتىدا قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ، مۇداپىئە تەدبىرىنى ئىشقا سالىدۇ .
خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن : مىسىرنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن پەلەستىن–ئىسرائىلىيە 72 سائەت ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى . ئىسرائىلىيە ، خاماس ۋە ‹‹ غازات ئۇرۇشى ›› تەشكىلاتى مىسىرنىڭ قاھىرەدە ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ‹‹ تىغ قوغداش ھەرىكىتى ›› نى ئاخىرلاشتۇرۇشى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved