شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ تۆنۈگۈن جۇڭگونىڭ برۇندىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، برۇندى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى پايتەخت بۇجۇمبۇرا ئايرودرۇمىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغان، برۇندى دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى ۋە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللىقىدا بولۇپ، بۇجۇمبۇرانىڭ ۋەزىيىتى ۋاقتىنچە مۇقىمكەن.
سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغالغانلىقى جاكارلىنىپ بىر كۈندىن كېيىن، برۇندى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى شۇ يەر ۋاقتى 14-ماي چۈشتە باياناتچىسى ئارقىلىق مەن پايتەختنىڭ كۆپ قىسىم رايونىنى كونترول قىلىۋالدىم دەپ جاكارلىغان ئىدى.
برۇندى دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى بىلەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللىقىدا ئىكەن. برۇندى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە دېمۇكىراتىنى قوغداش كۈچلىرىنىڭ باش ئورگىنى، پايتەخت بۇجۇمبۇرا ئايرۇدرۇمى قاتارلىقلارمۇ ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللىقىدا ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا برۇندىنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى قىسىملارمۇ كەينى كەينىدىن پايتەختكە ياردەەمگە كەلگەن، بۇجۇمبۇرانىڭ ۋەزىيىتى ۋاقتىنچە مۇقىمكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved