تۈركىيە جۇمھۇرىيتى (تۈرۈك تىلىداTürkiye Cumhuriyeti دېيىلىدۇ ) ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەسىنى توغرا كېسىپ ئۆتكەن ،يەر مەيدانى 783562 كۇۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بىر دۆلەت .
تۈركىيە دۆلەت تۇپرىقى ئانتالىيا يېرىم ئارىلى ،شۇنداقلا بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ كىراسې رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .شىمالىي قارا دېڭىزغا يۈزلىنىدىغان بۇلۇپ ،جەنۇبىي ئوتتۇرا دېڭىزغا ، شەرقىي جەنۇبىي سۈرىيە ،ئىراق بىلەن تۇتىشىدۇ .
غەربىي قىسمى بولسا ئېگىي دېڭىزى ۋە بۇلغارىيە قاتارلىق جايلارغا تۇتىشىدۇ،شەرقى قىسمى گىرۇزىيە ،ئەرمىنىيە ،ئەزەربەيجان ،ئىران قاتارلىق جايلار بىلەن چىگرىلىندۇ .
ئانتالىيا يېرىم ئارىلى بىلەن داردانىل بوغۇزى قارا دېڭىز بوغۇزىغا تەۋە بۇلۇپ ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا تۈركىيە بۇغۇزىغا تەۋە بولىدۇ .ھەمدە تۈركىيە بوغۇزى دەپ ئاتىلىدۇ ،بۇ بوغۇز قارا دېڭىز بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىردىنبىر سۇ يولى ،دېڭىز قىرغىقى لېنىيسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 7200كىلومېتىر كېلىدۇ .پايتەخىت ئەنقەرە بولسا ئانتالىيا ئېگىزلىكىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان .
تۈركىيە ئادەملىرى ئادەتتە تۈرۈك دەپ ئاتىلىدىغان بۇلۇپ ، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بىلەن قۇيۇق قانداشلىق مۇناسىۋېتىگە ئىگە .مىلادىيە 8-ئەسىردە ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن بىر تۈركۈم كىشىلەر كىچىك ئاسىياغىچە يېتىپ كەلگەن ،13-ئەسەرگە كەلگەندە ئوسمانلى ئېمپىرىيسى قۇرۇلغان .20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ،تۈركىيە فىرانسىيە گېرمانىيە ،ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۆلۈۋېتىشىگە ئۇچرىغان .1919-يىلى تۈركىيە چەتئەل ـتاجاۋۇزچىللىرىنى قوغلاپ چىقارغان ،1923-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنى قۇرۇپ چىققان . دۆلەت پۇقرالىرى ئىچىدە 90% ئادەم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان . تۈركىيە قانۇن تۈزۈم تۇرغۇزۇشتا ياۋروپا قىتئەسىدىن ئۆرنەك ئالغان بۇلۇپ ، تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىدا ،تۈركىيە خەلىق دېمۇكراتىسى ئاستىدىكى ،ھاكىمىيەت بىلەن دىنى ئايرىۋېتىلگەن ،قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىندىغان دۆلەت دەپ بېكىتىلگەن .تۈركىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مەركىزى غەرپ تەرەپتە بۇلۇپ ،تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسېۋىتىنى ساقلاپ قالغاندىن سىرىت ، ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسېۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇرغان . 2012-يىلى خەلقئارا بانكىسى ، خەلقئارادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ .GDPسىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىدە ،تۈركىيە دۇنيا بويىچە 71-ئورۇندا تۇرغان .ياۋروپا قىتئەسى بويىچە 7-ئورۇندا تۇرغان . تۈركىيەنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىياتى ھەممە تەرەپنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ كېلىۋاتىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى :土耳其共和国
ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى :The Repulblic Of Turkey
قىسقىچە ئاتىلىشى :تۈركىيە
قىتئە تەۋەلىكى :ئاسىيا قىتئەسى
پايتەختى :ئەنقەرە
ئاساسلىق شەھەرلىرى :ئىستانبۇل ،ئىزمىر ،بۇرسا
دۆلەت بايرىمى كۈنى :1923-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى
دۆلەت ناخشىسى :‹مۇتەقىل ئېلىپ بېرىش ›ناخشىسى
دۆلەت كودى :TUR
دۆلەت تىلى :تۈرۈك تىلى
پۇلى :تۈركىيە لىراسى
ۋاقىت رايونى :UTC+2
سىياسىي تۈزۈلمىسى :پارلامىنىت تۈزۈلمىسى جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسى
دۆلەت رەھبىرى :زۇڭتۇڭى :ئابدۇللا ،زۇڭلىسى :رەجەپ تايىپ ئەردوغان
نوپۇسى :76 مىلىيون 134 مىڭ 783 (2013-يىلى )
نۇپۇس زىچلىقى :101.8 ئادەم ھەر كۇادردت كىلومىتىرى (2013-يىلى )
ئاساسلىق مىللىتى :تۈرۈك مىللىتى ،كۇردلار
دىنىي ئېتىقادى :ئىسلام دىنى
يەر كۆلىمى 783 مىڭ 562 كۇۋادرات كىلومىتىر (2013-يىلى )
GDPئومۇمىي قىممىتى :8188.90 مىلىيارد ئامىرىكا دوللىرى (2013-يىلى )
كىشى بېشىغا تورا كېلىدىغان قىممىتى 10569 ئامېرىكا دوللىرى (2013-يىلى : GDP
خەلقئارالىق تېلېفون رايون نۇمۇرى :+90
دۆلەت نامىنىڭ قىسقارتىلما يېزىلىشى :tr
دۆلەت نامى :تۈركىيە جۇمھۇرىيتى بۇلۇپ ، تۈركىيە نامى تۈرۈك ناملىق سۆزدىن كەلگەن ، بۇنىڭ مەنىسى قەيسەر دېگەن مەنىدە بۇلۇپ ،تۈركىيە جۇمھۇرىيتى دېگەنلىك قەيسەر ئادەملەر دۆلىتى دېگەن مەنىدە ئىكەن .
دۆلەت بايرىقى :تۈركىيە بايرىقى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بۇلۇپ ، ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك نىسبىتى 3:2. باراقتىكى قىزىل رەڭ ،ئىچىدە ئاق رەڭلىك بىر يېڭى ئاي ۋە يۇلتۇزنى قوينىغا ئالغان .قىزىل رەڭ بولسا غەلبە ۋە قىزىل قانغا، يېڭى چىققان ئاي ۋە يۇلتۇز قاراڭغۇلۇقنى ھەيدەپ ،يۇرۇقلۇقنى كۈتىۋېلىشقا ،شۇنداقلا تۈركىيەلىكلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادىغا ،بەخىت سائادىتىگە ۋەكىللىك قىلغان
.
دۆلەت گىربى :تۈركىيەنىڭ مۇقىم بىر بەلگىلەنگەن دۆلەت گىربى يوق بۇلۇپ ،ئادەتتە ھۆكۈمەت ئىشلىتىدىغان سۈرەتتىكى بەلگە دۆلەت گىربى ئورنىدا قارىلىدۇ .
دۆلەت گۈلى : كۈركۈم گۈلى بۇلۇپ ،ئۆسۈملۈكلەرنى تەتقىق قىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، كۈركۈم گۈلى گۈلسامساق ئائىلىسىگە تەۋە بۇلۇپ ئەسلىدە ياۋروپا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىن تاپقىلى بولاتتى . ھازىر بۇگۈل تۈركىيەنىڭ دۆلەت گۈلى بۇلۇپ ھېسانلىنىدۇ .
بايراملىرى :ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى يىل بايرىمى
ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى دۆلەت مۇستەقىللىق كۈنى
ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى دۆلەت ئاتىسىنى خاتىرلەش كۈنى ، ياشلار ۋە تەنھەرىكەت بايرىمى
ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىنقىلاپ غەلبىسىنى خاتىرلەش كۈنى
ھەر يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى دۆلەت بايرىمى
بۇنىڭدىن سىرىت ئەڭ مۇھىم بولغان بايراملىرىدىن قۇربان ھېيىت ۋە روزا ھېيىت بار .
نوپۇسى :8080 مىلىيون 694 مىڭ بۇلۇو (2013-يىلى 7-ئاي ) ، تۈرۈك مىللىتى ئومۇمىي نۇپۇس سانىنىڭ 80%دىن يۇقىرى قىسمىنى ئىگىلەيدۇ ، كۇردلار مىللىتى 15% نى ئىگىلەيدۇ . شەھەر نوپۇس 49 مىلىيون 70 مىڭدىن ئاشىدۇ ،ۋە ئومۇمىي نۇپۇسنىڭ 70.5%نى ئىگىلەيدۇ . تۈرك تىلى دۆلەت تىلى بۇلۇپ ،99% كىشى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 85% تى سۈنئىي مەزھەپكە تەۋە ،ئاز بىر قىسمى شىئە مەزھىپىگە تەۋە .15نى خىرستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار .
پايتەختى :ئەنقەرە بۇلۇپ ،ئانتالىيا ئېگىزلكىنىڭ غەربي جەنۇبىغا جايلاشقان ،دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 900مېتىر كېلىدىغان شەھەر .بۇ شەھەرنىڭ نوپۇسى 47مىلىيون 70 مىڭغا يېتىدۇ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپۇراتۇرىسى 31 گىرادۇس ،ئەڭ تۆۋەن تېمپۇراتۇرىسى -4 گىرادۇس .
پۇلى :يېڭى تۈركىيە لىراسى ئۆلچەم قىلىنغان بۇلۇپ ، 5 لىرالىق ،10 لىرالىق ،20 لىرالىق ،50 لىرالىق ۋە 100 لىرالىق قەغەز پۇل بىرلىكى بار .تۈركىيە يېڭى لىراسىنىڭ ئوڭ يۈزىگە تۈركىيە ئاتىسىنىڭ سۈرئىتى چۈشۈرۈلگەن ، سول يۈزىگە ئوخشىمىغان رەڭلەر بېسىلغان .تۈركىيە 2004-يىلى يېڭى بىر پۇل نۇسخىسىنى ئېلان قىلىپ ،تۈركىيە لىراسى ئورنىغا يېڭى تۈركيە لىراسىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان .ھازىر بىر تۈركىيە لىراسى ،ئىلەىركى 1بىر مىلىيون تۈركىيە لىراسىغا تەڭ . ئىلگىركى تۈركىيە لىراسى ،500مىڭ لىرا ،بىرمىلىيون لىرا ...دېگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى .2003-يىلىغا كەلگندە ،17 مىلىيون تۈركىيە لىراسىنى بىر ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرغىلى بولاتتى .
سىياسىي رايون : تۈركىيە سىياسىي رايونى دەرىجىسى ئۆلكە ،ناھىيە ، يېزا ،كەنىتكە بۆلۈنىدىغان بۇلۇپ 34 رايونغا بۆلۈنگەن ،81 ئۆلكىسى ،600گە يېقىن ناھىيسى ،30مىڭ 600گە يېقىن يېزا كەنتى بار . ئۆلكىلىرىدىن :ئادانا ئۆلكىسى ،ئادىياما ئۆلكىسى ،ئافيون قاراھسارئۆلكىسى ،ئالى ئۆلكىسى ،ئاماسىيا ئۆلكىسى ،ئەنقەرە ئۆلكىسى ،ئانتالىيا ئۆلكسى ،ئارتۋىن ئۆلكسى ،ئايدىن ئۆلكىسى ،بالىكېسىر ئۆلكىسى ،بىساجىك ئۆلكىسى قاتارلىقلار بار .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى:LEGLEK
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved