ئاياللار كېسىلىنى قانداق ۋاقىتتا تەكشۈرتسە مۇۋاپىق بولىدۇ؟

ئاياللار كېسەللىرى دېگىنىمىز ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىدا كۆرۈلىدىغان سىرتقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى، جىنسىي يول ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ۋە داس بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېسەللەر ئاياللارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: ۋاقتىدا داۋالىنالماي كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كەتسە، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاياللار سالامەتلىكىنى چوقۇم قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، كېسەل بايقالغان ھامان داۋالىتىش كېرەك.

 


ئاياللار كېسەللىرىنى قانداق ۋاقىتتا تەكشۈرتسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

 


تەكشۈرتۈش ھەيز مەزگىلىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى كېرەك

 


ئەڭ ياخشىسى ھەيزدىن پاكىزلىنىپ ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا تەكشۈرتۈش كېرەك، چۈنكى بۇ چاغدا كونا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى پاكىز چۈشۈپ كېتىپ، يېڭى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئەمدىلا ئۆسۈشكە باشلىغان بولغاچقا، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ قېلىنلىقى مۇۋاپىق بولىدۇ، تەكشۈرگەن چاغدا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ زەخىملىنىشى سەۋەبىدىن كۆپ مىقداردا قاناپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

 


بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى تىرىك توقۇلمىلىرىنى تەكشۈرتۈش

 


ئەگەر تۇغماسلىق كېسىلى ئاغرىقلىرى بولسا، تۇخۇمدان سېرىق تەنچىسىنىڭ ئىقتىدارىنى بىلىشكە ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى تۇبېركۇليۇزىنى ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر تەكشۈرتۈش دەۋرى قاتتىق بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلانغۇچىلار بولسا، ھەيز كۆرۈشتىن ئىككى – ئۈچ كۈن بۇرۇن ئېلىۋېتىش كېرەك. ئادەتتە نورمال ھەيزنىڭ يۇقىرى پەللىسى كەلگەن بىرىنچى كۈنى 12 سائەت ئىچىدە قىرىپ ئېلىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

 


تۇرۇبا يولىنىڭ راۋانلىقىنى تەكشۈرتۈش

 


بەزى ئاياللار كېسەللىرى ئوپېراتسىيەسى ياكى بەزى ئاياللار كېسىلى مەشغۇلاتلىرى، مەسىلەن: تۇغۇت چەكلەش ئۈزىكىنى ئېلىش ۋە سېلىش، بالىياتقۇ بوينىنى داۋالاش، بالىياتقۇ ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ۋە بالىياتقۇنى سايىلەندۈرۈش قاتارلىقلار ھەيز پاكىزلىنىپ ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولغان ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەككى، ھەيز توختاپ تەكشۈرۈش ئارىلىقىدا يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەرگىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

 


تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىن سۇيۇقلۇق ماڭدۇرۇش ياكى سايىلەندۈرۈش

 


بۇنداق تەكشۈرۈشنى چوقۇم تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدىن بۇرۇن قىلىش كېرەك. ئەگەر بەك بۇرۇن بولۇپ قالسا، بالىياتقۇ بوشلۇقىدىكى جاراھەت يۈزلىرى تولۇق ساقىيىپ كەتمىگەنلىكى ياكى قېپقالغان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى پارچىلىرىنىڭ سەۋەبىدىن، ئاسانلا سايىلەندۈرۈش دورىسى سىرتقا ئېقىپ كېتىش ياكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى يۆتكىلىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ؛ ئەگەر بەك كېچىكىپ كەتسە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قېلىنلىشىپ ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئارىلىق توقۇلمىسى قىسمى توسۇلۇپ قالغاندەك ساختا كۆرۈنۈش پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

 


ئاياللار كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى:

 


جىنسىي يولنى بەك كۆپ يۇيۇش: جىنسىي يولنى يۇيۇپ تۇرۇش بىر خىل ياخشى ئادەت، بىراق بەك كۆپ يۇيۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى جىنسىي يولدا نۇرغۇن پايدىلىق باكتېرىيە توپلىرى ياشايدۇ، بەك كۆپ يۇيۇپ تازىلاپ تۇرغاندا جىنسىي يولنىڭ كىسلاتالىق مۇھىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، پايدىلىق باكتېرىيە توپلىرى ئازىيىپ، جىنسىي يولنىڭ باكتېرىيەلىنىش خەتېرى ئېشىپ كېتىدۇ.


تازىلاش سۇيۇقلۇقلىرىنى كۆپ ئىشلىتىش: ئاياللار جىنسىي يولىنى دېزىنفېكسىيەلەش ئۈچۈن دائىم تازىلاش سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن جىنسىي يولىنى يۇيۇپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۇلار بۇ تازىلاش سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ جىنسىي يولىنى غىدىقلاشتەك ئەكس تەسىرىىڭ بارلىقىغا سەل قارايدۇ، تاشقى جىنسىي يولنىڭ تېرىسى ناھايىتى نازۇك بولغاچقا، بۇ غىدىقلاشلار تاشقى جىنسىي يولنى ئاسانلا يۇقۇملاندۇرۇپ، تاشقى جىنسىي يول ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.


قوغداش سېلىنچىسىنى بەك كۆپ ئىشلىتىش: ھازىر نۇرغۇن ئايال قوغداش سېلىنچىسىنى كۆپ ئىشلىتىپ كالتە ئىشتاننى ھەر كۈنى يۆتكەشكە سەل قارايدۇ. قارىماققا بۇ ئىشتا ھېچقانداق مەسىلە يوقتەك كۆرۈنىدۇ، بىراق بەزى مىكرو ئورگانىزملار كالتە ئىشتاندا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالسا، ئاسانلا جىنسىي يول ئارقىلىق كۆپىيىش ئەزالىرىغا كىرىپ، تۈرلۈك ئاياللار كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

 


جىنسىي تۇرمۇش پاكىز بولماسلىق:

 


جىنسىي تۇرمۇش يۇقۇملۇق كېسەل باكتېرىيەلىرىنى ئەڭ ئاسان تارقىتىدىغان بىر خىل ۋاسىتە بولۇپ، نۇرغۇن كېسەل باكتېرىيەلىرى جىنسىي تۇرمۇش ۋاقتىدا ئۆزئارا يۇقۇملاندۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىنسىي تۇرمۇشتا پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەرگەندە، باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىشنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئالدى – كەينىدىكى تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 



خەتكۈچلەر:
25-06-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
04-02-2016
     ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
Powered by Leglek