خەلقئارا نېفىت باھاسى بۇ يىل 6-ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ تۆۋەنلىدى، ئامېرىكا «ۋول كوچىسى گېزىتى» 16-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: مۇشۇ ھەپتە ئامېرىكا بازىرىدىكى نېفت باھاسى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى. نېفىت باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى تەسىرىدە يەر شارىدىكى ھەر قايسى مەنپەئەتدار تەرەپلەر تۈرلۈك قىياسىلارنى قىلىشتى.
ئەنگىلىيە رېتىر ئاگنتىلىقى: سەئۇددى ئەرەبىستانى ئامېرىكىنىڭ سېلانتىس مېيى مەھسۇلات مىقدارىغا تېز سۈرئەتتە بېسىم پەيدا قىلىش ئۈچۈن، نېفىت باھاسىنىڭ بىر ئىككى يىلدىن بۇيانقى 80ئامېرىكا دوللىرىلىق ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا بىلەن سەئۇددى ئەرەبىستانى بىرلىشىپ يەر شارى نېفىت باھاسى جېڭىنى قوزغايدۇ، بۇنىڭدىكى نىشان رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ئەسلىھەلىرىگە بېسىم پەيدا قىلىش دەپ قىياس قىلدى. نېفىت ئىستىمال چوڭ دۆلىتى جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيەلەر بىكاردىن بىكار پايدا ئالالامدۇ-يوق؟ تەھلىلچىلەر: نېفت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى بۇ دۆلەتلەرگە نىسپەتەن ئىككى تىغىلىق خەنجەر، دەپ ھېسابلىدى.
نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئازىيىشى ۋە ئامېرىكا، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوپىكقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت قېزىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى- دۇنيا نېفىت باھاسىنىڭ زور كۆلەمدە تۆۋەنلىشىنى پەيدا قىلدى. بېيجىڭ ۋاقتى 16-ئۆكتەبىر چۈشكىچە بىرۇنت خام نېفىتنىڭ ھەر بىر تۇڭىنىڭ باھاسىنى 83.59ئامېرىكا دوللىرى دەپ ئېلان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ نىيۇ يوركتا خام نېفىت قەرەللىك مال بازىرىدا ھەر بىر تۇڭنىڭ باھاسىنى 80.91 ئامېرىكا دوللىرى دەپ ئېلان قىلدى. بۇ 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىكى 115 ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى ئورۇندىن %25تىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەنىدى. رىيتىر ئاگنتىلىقىنىڭ 16-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى تۆۋەن نېفىت باھاسىدىن پايدىلىنىپ، بازار ئۈلۈشىنى كۆپەيتمەكچى، بولۇپمۇ ئامېرىكا سېلانتىس مېيىنىڭ تەرەققىياتىدىن مەھرۇم قالغان بازارنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى. خەۋەردە: بۇ ئامېرىكىنىڭ سېلانتىس مېىيى كەسپى گۈللىنىپ تۆت يىلدىن بۇيان دۇچ كەلگەن ئەڭ زور خىرىسى، دېيىلدى.
ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا رۇسىيەنى جازالاۋاتقان ئەھۋالدا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ رۇسىيە ئىقتىسادىغا زەربە بولدى. رۇسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېنېرگىيە ئېكىسپورتى –رۇسىيەدىكى ئەڭ ئاساسلىق تاشقى پرۋوت كىرىمى ۋە خامچوت مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبىيكەن. رۇسىيەنىڭ بۇ يىلقى خامچوتى نېفىت باھاسىىنىڭ ھەر بىر تۇڭى 93 ئامېرىكا دوللىرى بويىچە تۈزۈلگەن. كەلگۈسى ئۈچ يىلدىكى خامچوتىدا ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 100ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئەگەر كېلەر يىلى غەرب داۋاملىق جازالايدىغان بولسا ھەمدە نېفىت باھاسى 85 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولسا ئۇنداقتا رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى %2تىن ئاشىپ كېتىدۇ. مۇتەخەسسسلەرمۇ بۇ بەلكىم ئامېرىكا بىلەن سەئۇددى ئەرەبىستانىنىڭ سۇيقەستى بولۇشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ مەقسىتى رۇسىيەنى خەلقئارا نېفىت بازىرىدىن سېقىپ چىقىرىش، دەپ ھېسابلىدى.
خۇيفېڭنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئىقتىسادشۇناسى نۇيمان مۇنداق دېدى: نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئاسىياغا نىسبەتەن قوش بىسلىق خەنجەر، بىر تەرەپتىن نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى يەر شارىنىڭ ئېھتىياجى تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈردى، يەنە بىر تەرەپتىن نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئاسىيادىكى نۇرغۇن ئىقتىسادى گەۋدىلەرگە ئاراملىق بېرىدۇ. خەۋەردە مۇنداق دەپ قارالدى: نېفىت باھاسى تۆۋەنلىسە جۇڭگو پۇل سىياسىتى ئارقىلىق بۇ يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى نىسبىتىنى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ٪7.5كە يەتكۈزەلمەسلىكتىن ساقلانسا بولىدۇ. فىرانسىيە يېزا ئىگىلىكى ئامانەت قەرز گۇرۇھىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى داۋلۇش مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ پايدىسى بار، لېكىن بۇ يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىش، يەر شارىدىكى كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى ئاچقۇچ- جۇڭگونىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدە.
جۇڭگو ئېنېرگىيە تورىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى خەن شياۋپىڭ 16-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: يەر شارىدا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى جۇڭگونىڭ تاشيول تىرانسپورت مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى ۋە جۇڭگونىڭ نېفىتكە تايىنىشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىدا. ئۇ مۇنداق دېدى: نېفىت باھاسى تۆۋەنلىسە نۇرغۇن تىرانسپورتقا ئېھتىياجلىق كەسىپلەر پايدا ئالىدۇ. ئالايلۇق: بەزى مۇلازىمەت كەسىپلىرى، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلار. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە نېفىت باھاسى بەك تۆۋەن بولسا نېفىت كەسپىنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر يېتىدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېنېرگىيە تىجەش مۇلازىمىتى قوللىنىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا تىرىلمە ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
خەن شاۋپىڭ مۇنداق دېدى: كونكرېت ئىستېمالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدە پايدا زىيان ئېنىق ئەمەس. بىر ئاز نېفىت خىراجىتىنى تېجەپ قىلىش ئارقىلىق باشقا شەكىلدە پايدا ئالغىلى بولمايدۇ.
نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى نۇرغۇن ئېنېرگىيە ئىمپورتىغا تايىنىدىغان ياپونىيەگە نىسبەتەن پايدىلىق. ياپونىيە پۇل سىياسىتىنى بوشاتقاندىن بۇيان، ياپونىيە يىنىنىڭ كۇرسى چۈشۈش نىسبىتى ٪20تىن ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن ئېنېرگىيە ئىمپورتىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى ھەمدە بۇ ياپونىيەنىڭ سودىسىدا ئۇددا 26 ئاي پاسسىپ بالانس كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالدى. لېكىن نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ياپونىيەگە پايدىسىز تەرەپلەرمۇ بار. ھازىر ياپونىيە مەركىزى بانكىسى كېلەر يىلى ٪2لىك پۇل پاخاللىق نىسبىتى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان پەيتتە، بۇ قېتىم نېفىت باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى مال باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنى پەيدا قىلدى.
كورىيە مەركىزى بانكىسى چارشەنبە كۈنى ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتىنى ٪2 تۆۋەنلىتىدۇ، بۇ 4 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە. كورىيە نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت، تەننەرخنىڭ تۆۋەنلىشى ئىقتىسادنى جانلاندۇرىدۇ. لېكىن كورىيە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئاساسلىق ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت. نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى يەر شارى ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئوتتۇرا ئۇزاق مەزگىلدە كورىيەدەك دۆلەتلەرگە نىسبەتەن پايدىسىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved