زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ رەڭگى-روھىغا قارىساقلا بىر دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىشنىڭ ئانچە ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىۋالالايمىز. زۇڭتۇڭ بولغان ئادەملەر كاتتا سورۇنلارغا بارىدۇ، مەخسۇس ئايروپىلانى بولىدۇ، خىزمەتچىلەر زۇڭتۇڭنىڭ خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئېھتىياجلىرىدىن چىقىدۇ. زۇڭتۇڭنىڭ 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاشپىزى، بەدەن چېنىقتۇرۇش تېرىنىرى، دوختۇرى قاتارلىقلارنىڭ بىرىمۇ كام ئەمەس. ھالبۇكى، دۇنيا رەھبەرلىرى ئۇچرىغان زور بېسىملارنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.
ئەنگلىيە مېدىتسىنا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مۇھاكىمە ماقالىدە بۇ بېسىملار ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەللەر ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
تەتقىقاتچىلار 17 دۆلەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك 279 رەھبەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىلگىرى سايلامغا قاتنىشىپ ئۇتۇق قازىنالمىغان نامزات بىلەن سېلىشتۇرغان. تەتقىقاتچىلار 1722-يىلىدىن تاكى 2015-يىلغىچە بولغان ئۇزاققا سوزۇلغان سايلام مەزگىلىنى تەتقىقات ئاساسى قىلغان. نامزاتلارنىڭ سايلامغا قاتناشقان چاغدىكى يېشى ۋە قىياسەن ئۆمۈرنىڭ تەسىرى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار ئىككى گۇرۇپپىدىكى تەجرىبە ئوبيېكتلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبتىدە زور پەرق بارلىقىنى بايقىغان بولۇپ، سايلامدا غەلىبە قىلغانلار 2.7 ياش ئاز ئۆمۈر كۆرىدىكەن.
رەھبەرلىك خىزمىتىنىڭ ئۆمۈرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، كۆرسەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوخشىمىغاچقا، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى جېنىس باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى تېخىمۇ بەكرەك قايىل قىلارلىق نۇقتىدا تۇرۇپ، بۇ تېمىنى تەتقىق قىلغان. ئۇلار زۇڭتۇڭنىڭ ئۆمرىنى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆمرى بىلەن سېلىشتۇرمىغان، بەلكى زۇڭتۇڭنىڭ شارائىتى بىلەن ئوخشىشىدىغان زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرغان.
جېنىس چۈشەندۈرۈش بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئادەتتىكى پۇقرالارغا سېلىشتۇرغاندا، نامزاتلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنى تېخىمۇ يۇقىرى. ئۇلارنىڭ داۋالىنىش شارائىتى تېخىمۇ ياخشى. شۇڭا بىز رەھبەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەرتىۋىسى ئوخشاش بولغانلارنىڭ، يەنى سايلامدا مەغلۇب بولغان نامزاتلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتتۇق، گەرچە رەھبەرلەر سايلامدا غەلىبە قىلالمىغان قۇرداشلىرىدىن ئۇزاق ياشىيالمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يەنىلا قىياسەن ئۆمرىدىن ئۇزۇن ياشايدۇ.
ئەنگلىيەدىكى «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەتقىقاتچىلار ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ باشقا كىشىلاردىن تۆت يىل، يۇقىرى پالاتا ئەزالىرىنىڭ بەش يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغان.
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، تۆۋەن ۋە يۇقىرى پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %28 ياكى %37 تۆۋەن بولىدىكەن. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل مائارىپ بولۇشى مۇمكىن. ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، مائارىپ ساغلام بولۇش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدىكەن.
ھالبۇكى، تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، كۆپ قىسىم يۇقىرى پالاتا ئەزالىرى تۇغۇلۇشىدىنلا راھەت-پاراغەت ئىچىدە ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلار تۇغۇلغان چاغدىن باشلاپلا ئىشلەتكەن كۈمۈش قوشۇقلىرىنىڭ سالامەتلىككە ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved