خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چۈشىشىگە ئەگىشىپ، نېفىتنى ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى قىلغان مالايسىيا ئېلان قىلغىلى ئۇزۇن بولمىغان 2016-يىللىق مالىيە خام چوڭ لايىھەسىنى ئۆزگەرتىدىغان بولدى.
مالايسىيا باش مىنىستىرى قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى نەجىب يېقىندا كۆرسىتىشىچە، خەلقئارا نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن چۈشكەنلىكتىن ھەمدە يەر شارى ئىقتىساد مۇھىتى خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكتىن، ھۆكۈمەت يېقىنقى مەزگىلدە 2016-يىللىق مالىيە خام چوت لايىھەسىنى تەڭشەپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىدىكەن.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، 2016-يىللىق مالىيە خام چوت لايىھەسى خەلقئارا نېفىت باھاسى ھەر باكى 48 ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلانغان، ئەمما نۆۋەتتە نېفىت باھاسى ھەر باكى 31.59 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ كەتتى.
ئۇ مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئايلىق ئالاھىدە يىغىلىشىدا سۆز قىلغاندا:«بۇ بىزنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالدى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى 2016-يىللىق مالىيە خام چوت لايىھەسى ھەر باكى 48 ئامېرىكا دوللىرىنى ئاساس قىلىپ ھېسابلانغان» دېدى.
ئىككىنچى مالىيە مىنىستىرى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارا نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھۆكۈمەت پەرەز قىلغان ئەھۋالدىن سىرتقى ئىش ئىكەن، شۇڭا ھۆكۈمەت چوقۇم مالىيە خام چوتىنى تۈزىتىشى ۋە ياخشىلىشى، ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىشى كېرەك ئىكەن.
ئۇ بۇنى مالايسىيانىڭ نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن ئەمەلىي ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى دەپ قارىدى، بۇ مالىيە خام چوت لايىھەسىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغاندىن سىرت، ھەم رېئال مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
ئۇ مالىيە خام چوت لايىھەسى قايتا تەڭشەلگەندىن كېيىن، مالايسىيەنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى يەنىلا ئىلگىرىكى مۆلچەردىكى %4دىن %5كىچە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
![]() |
چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە: كىم جوڭئۇن 6-ماي ئېچىلغان چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7- قۇرۇلتىيىدا ئىچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن.
كىم جوڭئۇن مۇنداق دې...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مېكسىكا، كولۇمبىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالار يىغىلىشقا قاتنىشىپ، نەشە چېكىشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved