21-يانۋار سەھەردىن باشلاپ ئالتاي ۋىلايىتىدە ئومۇميۈزلۈك قاتتىق قار يىغىپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، ئالتاي شەھىرى رايونىدا يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقى 15 سانتىمېتىرغا يەتكەن، قار ۋاقتىدا تازلانغانلىقتىن، شەھەر رايونى، كۈيتۈن-ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ G3014 بۆلىكى، دۆلەت يولى 216-، 217- لىنىيەسى ۋە ئۆلكە يولى 230-لىنىيەسى قاتارلىق نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىدە قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن.
يەرلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 22-، 23-، 24- يانۋار كۈنلىرى ئالتاي ۋىلايىتىدە داۋاملىق قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved