فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 2- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ ئوباما تىنچ ئوكياننى ھالقىغان ھەمكارلىق كېلىشىمى ( TPP ) گە ئىمزا قويۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن: تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئامېرىكىنى جۇڭگو بىلەن بولغان رىقابەتتە تېخىمۇ چوڭ ئەۋزەللىككە ئېگە قىلىدۇ.
ئوباما چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: TPP جۇڭگوغا ئوخشاش بۇنداق دۆلەتنى ئەمەس ئامېرىكىنى 21- ئەسىردىكى سودا ئەندىزىسىنى تۈزۈپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ، بۇ ئاسىيا رايونى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، چىلى، مالايسىيا، مېكسىكا، يېڭى زىنلاندىيە، پىرۇ، سىنگاپۇر، ۋېيتنام، برۇنېي قاتارلىق 12 دۆلەت ئاۋكلاندتا TPP كېلىشىمىگە رەسمىي يۇسۇندا ئىمزا قويدى. بۇ 12 دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ %40 تىنى ئىگىلەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved